تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى قاراباغقا ياردەم قىلماقتا

تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى تاغلىق قاراباغدا شەھەرمۇ شەھەر ئايلىنىپ ئەزەربەيجان خەلقىنىڭ دەردىگە دەرمان بولدى.

1542496
تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى قاراباغقا ياردەم قىلماقتا
Turk kizilay azerbaycan1.jpg
undefined

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇرۇش سەۋەبىدىن يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان مىڭلارچە ئەزەربەيجان ئائىلىلىرى مەكتەپ بىنالىرى، ئوقۇغۇچىلار ياتاق بىنالىرى ياكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ يېنىدا ياشىماقتا.

ئۆيلىرىدىن ئايرىلغان ئۇرۇشنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئەزەربەيجانلىقلارغا، تۈركىيەنىڭ ياردەم قولىنى ئۇزاتقان قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ خادىملىرى، چېدىر، دىزېنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى، يۇڭ ئەدىيال، يوتقان-كۆرپە، كىيىم-كېچەك قاتارلىق ياردەملەرنى قىلغاندىن باشقا، ئۇرۇشتىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان زۆرۈر ئېھتىياجلارنى ئېنىقلاش جەھەتتىمۇ مۇھىم خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى.

ئۇرۇشنىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغانلار، بالىلار بولدى. تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى بالىلارغىمۇ ئىگە چىقىپ، ياردەملەر بىلەن ئۇلارنىڭ يۈزىنى كۈلدۈردى. خىزمەت دائىرىسىدە، زۆرۈر ئېھتىياجلىرى ھەل قىلىنغان يېتىم بالىلارنىڭ، باشقا ئېھتىياجلىرىمۇ ھەل قىلىنىدۇ.

فۇزۇلى، تەرتەر، بەردە، گەنجە، ئاغدام، گەدەبەۇ، ئاغجابەدى، گۆرانبوي، لەنكەران، مىنگەچەۋىر، سائاتلى ۋە سۇمگايىت رايونلىرىدا ئۇرۇشنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان ياكى ئۆيلىرى ۋەيران بولغان ئائىلىلەرگە، پاناھلىنش ۋە كىيىم-كېچەكتىن تەركىپ تاپقان ياردەم ئەشيالىرى تارقىتىلدى.

قاراباغ رايونىدىكى شەھەرلەرگە ئەزەربەيجان قىزىلئاي جەمئىيىتى بىلەن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى يەتكۈزۈۋاتقان تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى، ياردەملەرنى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە تارقاتماقتا.

تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى 19 يۈك ئاپتوموبىلىدا ئەزەربەيجانغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى يەتكۈزدى. ئۆي ئەشيالىرى، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق ئېھتىياجلار ئۈچۈن يېڭىدىن ياردەم يەتكۈزۈش تەييارلىقىنى پىلانلىدى.

تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى ئەزەربەيجان قىزىلئاي جەمئىيىتى بىلەن بىرلىكتە، قاراباغدا ھەممە كىشىنىڭ ئېھتىياجى ھەل بولغۇچە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى يەتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر