تۈرك ئالىم ئورتاق بولغان شىركەت ۋاكسىناسىنى سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالاندى

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى 4-قېتىملىق ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) ۋاكسىناسىنى سېتىۋېلىش توختامىنىڭ فايزېر (Pfizer) ۋە بىئونتېك (BioNTech) شىركەتلىرى بىلەن تۈزۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1526104
تۈرك ئالىم ئورتاق بولغان شىركەت ۋاكسىناسىنى سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دورا شىركىتى فايزېر بىلەن تۈرك ئالىم پىروفېسسور دوكتور ئۇغۇر شاھىن ئورتاق قۇرغۇچى  بولغان گېرمانىيە بىئونتېك شىركىتىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تەتقىق قىلىپ ياسىغان ۋاكسىنانىڭ ۋىرۇسقا قارشى ئۈنۈمىنىڭ %90 بولغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

مەزكۇر شىركەتنىڭ ۋاكسىناسى ئالتە دۆلەتتە 43 مىڭ 538 كىشى ئۈستىدە سىناق قىلىنغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئېغىر خەۋپسىزلىك ئەندىشەسى كۆرۈلمىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى ۋاكىسىنانىڭ بىخەتەر ۋە تەسىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغاندىن كېيىن، فايزېر ۋە بىئونتېك تەتقىق قىلىپ ياساۋاتقان ۋاكسىنادىن 200 مىليون قۇتا سېتىۋالىدىغانلىقلىرىنى جاكارلىدى. بۇنىڭدىن باشقا، قوشۇمچە 100 مىليون قۇتا ۋاكسىنانىڭمۇ تومتامغا كىرگۈزۈلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «AstraZeneca»، «Sanofi-GSK»، «Johnson and Johnson»، «CureVac» ۋە «Moderna» شىركەتلىرى بىلەن ۋاكسىنا سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالىغانلىقى قەيت قىلىندى.

كېرەكلىك تەستىقلار ئېلىنغان ئەھۋالدا ۋاكسىنانىڭ 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ تارقىتىلىشقا باشلىنىدىغانلىقى، ۋاكسىنالارنىڭ بىئونتېك شىركىتىنىڭ گېرمانىيەدىكى ۋە فايزېرنىڭ بېلگىيەدىكى مەركەزلىرىدە ياسىلىدىغانلىقى ۋە 2021-يىلىدا جەمئىي 1.3 مىليارد قۇتا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تەخمىن قىلىنىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر