ئۇچار ئاپتوموبىل مۇۋەپپەقىيەتلىك سىناق قىلىندى

سىلوۋېنىيەدە بىر تېخنولوگىيە شىركىتى ياسىغان «ئايركار» ناملىق ئۇچار ئاپتوموبىل سىناق قىلىندى.

1524403
ئۇچار ئاپتوموبىل مۇۋەپپەقىيەتلىك سىناق قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سىلوۋېنىيە تېخنولوگىيە شىركىتىنىڭ باشقۇرغۇچىسى ستېفان كلېيىن (Stefan Klein) بېيىشچانى (Piestany) ئايرودۇرۇمىدا ئۇچار ئاپتوموبىلنى سىناق قىلدى. ئۇچۇش ۋە قونۇش سىناقلىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى.

بۇ ئۇچار ئاپتوموبىل 200 كىلومېتىر يۈك بىلەن تەخمىنەن مىڭ كىلومېتىر مۇساپىغا ئۇچالايدۇ.

شىركەت باياناتىدا، بۇ ئۇچار ئاپتوموبىلنى ئۇچار تاكسى سۈپىتىدىمۇ ئىشلەتكىلى بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر