گېرمانىيەدە ساقچىلار جامەنىڭ گىلەملىرىگە قونچلۇق بەتىنكە بىلەن دەسسىدى
گېرمانىيەنىڭ پايتەخت بېرلىندا ساقچىلارنىڭ مەۋلانا جامەسىنى ئاختۇرۇش جەريانىدا ناماز ئوقۇلىدىغان گىلەملەرنىڭ ئۈستىگە قونچلۇق بەتىنكىلىرى بىلەن دەسسىشى جامە باشقۇرۇش ھەيئىتى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى.
1513897
![گېرمانىيەدە ساقچىلار جامەنىڭ گىلەملىرىگە قونچلۇق بەتىنكە بىلەن دەسسىدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/cf5c/c1a4/c54b/56e51d21bfc35.jpg?time=1718697514)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېرلىن باش تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن تالاپەتكە ئۇچرىغان كىچىك تىپتىكى خىزمەت ئورۇنلىرىغا بېرىلگەن ماددىي ياردەملەردىن ناھەق رەۋىشتە پايدىغانلىقى سەۋەبلىك، 5 خىزمەت ئورنى بىلەن بىر جامە تەكشۈرۈلگەن.
تۈنۈگۈن ئەتىگەن تەرەپلەردە 150 ساقچى قاتناشقان مەۋلا جامەسىنى ئاختۇرۇش جەريانىدا، ساقچىلارنىڭ ناماز ئوقۇلىدىغان گىلەملەرنىڭ ئۈستىگە قونچلۇق بەتىنكىلىرى بىلەن دەسسىشى جامە باشقۇرۇش ھەيئىتى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![موسكۋادىكى تۈرك جامائىتى قۇربان ھېيتنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/8e6a/2853/0aaf/666fd7abbd4f1.jpg?time=1718697514)
موسكۋادىكى تۈرك جامائىتى قۇربان ھېيتنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى
رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادىكى تۈرك جامائىتى قۇربان ھېيتنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى.