ئەرباش: ئاياسوفيا پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئوچۇق

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دىيانەت ئىشلىرى باشقارمىسى باشلىقى ئەلى ئەرباش، ئاياسوفيائى كەبىر جامىئى شەرىفنىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئوچۇق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1466696
ئەرباش: ئاياسوفيا پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئوچۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىيانەت ئىشلىرى باشقارمىسى باشلىقى ئەلى ئەرباش دۈزجەدە مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، ئاياسوفيائى كەبىر جامىئى شەرىفنىڭ 24 – ئىيۇلدا ئىبادەتكە ئېچىلىشى بىلەن بىرلىكتە 86 يىللىق سېغىنىشقا خاتىمە بېرىلگەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان ھالدا «ئاياسوفيانىڭ ئىبادەتكە ئېچىلىشى ھەم خەلقىمىز ھەم پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈن خەيرلىك ئىش بولدى. پەقەت مۇسۇلمانلارلا ئەمەس، ھەركۈنى مىڭلارچە كىشى كېلىپ ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا. بىز شۇنىڭ ئۈچۈن <ئاياسوفيا پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئوچۇق> دەۋاتىمىز» دېدى.

ئەرباش، دىيانەت ئىشلىرى باشقارمىسى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى ۋەخپىلەر باش ئىدارىسى، ئىستانبۇل ۋالىيلىق مەھكىمىسى قاتارلىقلارنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىق ئورنىتىپ ئاياسوفيادا ئەڭ گۈزەل خىزمەتلەرنى قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر