بىر گىتار 6 مىليون دوللارغا سېتىلدى
«نىرۋانا» مۇزىكا ئەترىتىنىڭ گىتارچىسى كۇرت كوبايىن (Kurt Cobain) نىڭ گىتارى 6 مىليون دوللار (تەخمىنەن 41.2 مىليون لىرا) غا سېتىۋالغۇچى چىقتى.
1440951
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: BBC نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، جۇلىئېن كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش ئورنى نىرۋانا مۇزىكا ئەترىتىنىڭ گىتارچىسى كوبايىن 1993-يىلى نيۇ يوركتا ئۆتكۈزۈلگەن MTV «Unplugged» پىروگراممىسىدا چالغان «1959- مارتىن D-18E» گىتارىنى، لوس ئانژېلىستا ئۆتكۈزۈلگەن كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىشتا، ئاۋىستىرالىيەلىك سودىگەر پېتېر فرېدمان (PeterFreedman) نىڭ 6 مىليون دوللارغا سېتىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
بىلىنىشىچە، كۇرت كوبايىن ۋاپات بولۇشتىن 5 ئاي بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن MTV پىروگراممىسىدا چالغان.
ئامېرىكادا 1994-يىلى 27 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن كوبايىن ئەزا بولغان نىرۋانا مۇزىكا ئەترىتى، دۆلەت ئىچىدە 25 مىليون، دۇنيا مىقياسىدا 75 مىليون پىلاستىنكا سېتىش سانىغا يەتكەن ئىدى.
كۇرت كوبايىن 1994-يىلى ئاپرېلدا سېئاتىلدىكى ئۆيىدە ئۆلۈك ھالدا تېپىلغان ئىدى.