دۇنيانىڭ ئەڭ ئۇزۇن ئىككىنچى ۋېلىسىپىت يولى كونيادا...

كونيا، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 550 كىلومېتىر كېلىدىغان ۋېلىسىپىت يولى بىلەن دۇنيانىڭ ئەڭ ئۇزۇن ۋېلىسىپىت يولىغا ئىگە ئىككىنچى شەھىرى.

1429146
دۇنيانىڭ ئەڭ ئۇزۇن ئىككىنچى ۋېلىسىپىت يولى كونيادا...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ۋېلىسىپىت فېدېراتسىيەسى باشلىقى ئەرول كۈچۈكباكىرجى، 3 – ئىيۇن دۇنيا ۋېلىسىپىت كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات بېرىپ، تۈركىيەدە ۋېلىسىپىت ئىشلىتىش ئادىتىنىڭ كۈنسېرى ئومۇملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەرول كۈچۈكباكىرجى، ئىنسانلارنىڭ ھەم سالامەتلىكى ھەم مۇھىت ئۈچۈن ۋېلىسىپىت ئىشلىتىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ، «ۋېلىسىپىت تەنتەربىيەسى مۇئەييەن يېشى بولمىغان بىر تەنتەربىيە. مەيلى 7 ياشتا بول، مەيلى 77 ياشتا بول، ئۆرە تۇرالايدىغانلا بولساڭ، مېڭىشتا قىينىلىپ قالغان تەقدىردىمۇ ئۇنى مىنەلەيسەن. ئۇ، ئاچ – توق بولۇشقا قارىماي شۇغۇللىنىشقا بولىدىغان بىر تەنتەربىيە بولۇپ، ئادەمگە خۇشاللىق بېغىشلايدۇ» دېدى.

تۈركىيەنىڭ ئەڭ ئۇزۇن ۋېلىسىپىت يولىنىڭ كونيادا ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن كۈچۈكباكىرجى، «كونيامىزدا نۆۋەتتە 550 كىلومېتىر بۆلۈنمە ۋېلىسىپىت يولى بار. بۇ، دۇنيادا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نيۇ يورك شەھىرىدىن قالسىلا ئىككىنچى ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسىتىدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر