ۋىتامىن D كەملىكى بىلەن ۋۇخەن ۋىرۇسى ئۆلۈملىرى ئوڭ تاناسىپ

ئالىملار ۋىتامىن D كەملىكى بىلەن ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەب بولغان ئۆلۈملەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىنى بايقىدى.

1413486
ۋىتامىن D كەملىكى بىلەن ۋۇخەن ۋىرۇسى ئۆلۈملىرى ئوڭ تاناسىپ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «Nypost.com» تورىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا نورسۋېستېرن (Northwestern) ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئالىملىرى، ئامېرىكا، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ئىسپانىيە، ئەنگلىيە، شىۋېيتسارىيە، ئىران، جەنۇبىي كورېيە ۋە خىتايدىكى دوختۇرخانىلاردىن توپلىغان ۋۇخەن ۋىرۇسى بېمارلىرىغا مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارنى تەتقىق قىلىپ، ۋۇخەن ۋىرۇسى ئۆلۈملىرىنىڭ ۋىتامىن D كەملىكى بىلەن ئوڭ تاناسىپ ئىكەنلىكىنى بايقىغان.

ئالىملار ئىتالىيە، ئىسپانىيە ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈملەر يۇقىرى بولغان دۆلەتلەردىكى ۋىتامىن D سەۋىيەلىرىنىڭ، ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈم نىسبىتى تۆۋەن بولغان دۆلەتلەردىكى بېمارلارغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ تۆۋەن ئىكەنلىكىنى بايقىدى.

ئۇنىۋېرستېتنىڭ تەجرىبىخانىسىغا مەسئۇل ۋادىم بەكمەن (Vadim Backman) ۋىتامىن D كەملىكىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەب بولغان ئۆلۈملەردە كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە ئىكەنلىكىنىڭ بىلىنىشىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى، بىراق ھەممە كىشىنى ۋىتامىن D تولۇقلاشقا مەجبۇرلىماسلىق كېرەكلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ تېخىمۇ كۆپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ: «تەتقىقاتلىرىمىزنىڭ بۇ ساھەگە بولغان قىزىقىشنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. مەلۇماتلار ئىسپاتلانغان ئەھۋالدا يېڭى داۋالاش نىشانىغا يۈزلىنىش بولۇشى مۇمكىن» دېدى.

ئالىملار ۋىتامىن D تولۇقلاشقا نىسبەتەن چەكتىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىكنى تەۋسىيە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر