تۈركىيە سېربىيەدىكى ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش لايىھەسىگە ياردەم قىلدى
تۈركىيە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا قارشى تۇرۇش دائىرىسىدە سېربىيەدە باشلانغان ماسكا ۋە دىزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى ئىشلەپچىقىرىش لايىھەسىگە ياردەم قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بوشناقلار زىچ توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان سېربىيەنىڭ سانجاق رايونىدا پائالىيەت قىلىۋاتقان «خەدىچە ئاياللار جەمئىيىتى» باشلىغان ۋە تۈرك ھەمكارلىق كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقى-تىكا قوللىغان لايىھەدە ئىشلەپچىقىرىلغان 20 مىڭ ماسكا، 250 سوپۇن ۋە 250 قۇتا دىزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى رايون خەلقىگە ھەقسىز تارقىتىپ بېرىلدى.
جەمئىيەت باشلىقى ئامىلا لىجىنا ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇشتا جەمئىيەتكە ھەسسە قوشۇشنى خالايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ: «تىكانىڭ ياردىمى بىلەن ماسكا ۋە دىزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى ئىشلەپچىقىرىشقا خالىس قېتىلدۇق. قىلغان ياردەملىرى ۋە قوللىغانلىقلىرى ئۈچۈن تۈرك خەلقىگە شۇنداقلا تىكاغا راھمەت ئېيتىمىز» دېدى.
لايىھە رامكىسىدا جەمئىيەتتىكى ئاياللار تىكا ياردەم قىلغان بەش دانە تىككۈچىلىك ماشىنىسى بىلەن ماسكا تىكمەكتە. بۇنىڭدىن باشقا، تىكا ياردەم قىلغان ماتېرىياللار بىلەن سوپۇن ۋە دىزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى ئىشلەپچىقارماقتا.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى تۇنجى ئوپېرا ئوينالدى
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تۇنجى چوڭ ئوپېراسى پايتەخت رىيادتا ئوينالدى.