جەننەت بەبەك ھەممىگە ئۈلگە بولدى

گېرمانىيەنىڭ لۇدۋىگسافېن (Ludwigshafen) شەھىرىدە ياشايدىغان 70 ياشلىق جەننەت بەبەك، «بىز ئۆزىمىزگە يېتىمىز تۈركىيەم» ناملىق سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتىگە 10 مىڭ ياۋرو ئىئانە قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1392029
جەننەت بەبەك ھەممىگە ئۈلگە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەنىڭ لۇدۋىگسافېن شەھىرىدە ياشايدىغان 70 ياشلىق جەننەت بەبەك تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان باشچىلىقىدا «بىز ئۆزىمىزگە يېتىمىز تۈركىيەم» شوئارى ئاستىدا باشلانغان مىللىي سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتى دائىرىسىدە، ئائىلە، ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي خىزمەتلەر مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئاچقان بانكا ھېساب نومۇرىغا 10 مىڭ ياۋرو ئەۋەتتى.

جەنننەت بەبەك 17 يىل بۇرۇن ۋاپات بولغان يولدىشى نامىدا ئافرىقادا سۇ قۇدۇقى كولاتقۇزۇش نىيىتىنىڭ بارلىقىنى، بىراق تۈركىيەدە سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنىڭ باشلىنىشى سەۋەبىدىن بۇ يەرگە ئىئانە قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھەممە كىشىنى بۇ سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنى قوللاشقا چاقىردى.

ئالتە پەرەزنتنىڭ ئانىسى بولغان جەننەت بەبەكنىڭ پېنسىيە مائاشىنى ئىقتىساد قىلغانلىقى ۋە باشقىلارغا ئۈلگە بولسۇن دەپ بۇ ياردەمنى ئاشكارىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

تۈركىيەنىڭ بېلىندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئەلى كەمال ئايدىن بۇ ئۈلگە مۇناسىۋىتى بىلەن جەننەت بەبەككە تېلېفون قىلىپ تەشەككۈر ئېيتتى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر