مۇزىكا ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلى توغرىسىدا

دىدەم ئۆزتاشباشى تەرىپىدىن تەييارلانغان «بىلىۋېلىڭ» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «مۇزىكا ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلى» ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

1360901
مۇزىكا ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلى توغرىسىدا

مۇزىكا ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلى توغرىسىدا

 

مۇزىكا ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ تېبابەت بىلەن ئوخشاش ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئوتتۇرا ئاسىيادا، كېيىنچە ئانادولۇدا بەرپا قىلىنغان كۆپلىگەن مەدەنىيەتلەرنىڭ بۇ خىل داۋالاش ئۇسۇلىدىن پايدىلانغانلىقىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

قەدىمكى گىرېك كۈلتۈرىدە مۇزىكا ھەرتۈرلۈك پەزىلەتنىڭ مەنبەسى، دەپ قارىلاتتى ۋە روھنى تەربىيەلەش، پاكلاشتا ئۇنىڭدىن پايدىلىنىلاتتى. تۈركلەردە بولسا، ئوتتۇرا ئاسىيادا ھەرخىل كېسەللىكلەر باخشى (باكسى) دەپ ئاتىلىدىغان شامان مۇزىكانتلار تەرىپىدىن داۋالىناتتى.

تۈرك – ئىسلام دۇنياسىدىكى مۇزىكا بىلەن داۋالاش خىزمەتلىرى، بولۇپمۇ دوختۇرخانىلاردا مۇزىكىغا تايىنىپ داۋالاش ئۇسۇللىرىنىڭ تەتبىقلىنىشى 9 – ئەسىردە باشلىغان بولۇپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ تەرەققىي قىلغان. غەربتە روھىي كېسەللىكلەر كېسەللىك دەپ قوبۇل قىلىنماي، ئەكسىچە قىيىن – قىستاققا ئېلىنىدىغان ئوتتۇرا ئەسىردە تۈركلەر ئۇلارنى كېسەل دەپ قوبۇل قىلغان؛ روھ ساغلاملىقىغا، روھىي كېسەللىكلەرگە ۋە ئۇلارنى داۋاملاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. ئىبنى سىنا نېرۋا بىمارلىرىنى مۇزىكا ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلىدىن پايدىلانغان، بۇ خىل داۋالاش ئۇسۇللىرى ئوسمانلى دەۋرىدىمۇ داۋاملاشقان.

مۇزىكا بىلەن داۋالاش ئۇسۇلى دەۋرىمىزدىمۇ بىر خىل داۋالاش مېتودى بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا. چۈشكۈنلۈك، بېسىم، نېرۋىسى چېچىلىش، ئەندىكىش، ئۇيقۇسىزلىق، باش، بويۇن، موسكۇل ئاغرىقلىرى، شېكەر كېسىلى... دېگەندەك كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا مۇزىكىدىن قوشۇمچە داۋالاش مېتودى سۈپىتىدە پايدىلىنىلماقتا.

مەنبە: مۇناسىۋەتلىك تور بەتلەر



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر