ھىندونېزىيەدە يەر تەۋرىدى

ھىندونېزىيەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان مالۇكۇ ئىشتاتىدا 5.3 بال يەر تەۋرىگەنلىكى ئېلان قىلىندى.

1338359
ھىندونېزىيەدە يەر تەۋرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندونېزىيە مېتېرولوگىيە، كىلىمات ۋە گېئو فىزىكا ئىدارىسى مالۇكۇ ئىشتاتىغا قاراشلىق توبېلو شەھىرىنىڭ غەربىي شىمالىغا 91 كىلومېتىر كېلىدىغان دېڭىز تەۋەلىكىدە يەردىن 23 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا يەر تەۋرىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. بىراق، يەر تەۋەشتە ئۆلۈم-يېتىم ھادىسىلىرىنىڭ كۆرۈلگەن ياكى كۆرۈلمىگەنلىكى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلمىدى.

دېڭىز تاشقىنىدىن ئاگاھلاندۇرۇش مەركىزىمۇ يەر تەۋرەشتىن كېيىن، دېڭىز تاشقىنى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرمىدى.

2019-يىلى 26-سېنتەبىر مالۇكۇ ئىشتاتىنىڭ مەركىزى ئامبوندا 6.8 بال يەر تەۋرىگەن ۋە 36 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر