يەر شارىنىڭ ئەتراپىدىكى ھۇشقىرغان ئاۋاز نېمىنىڭ ئاۋازى؟

يەر شارىنىڭ ئەتراپىدا ئاڭلىنىدىغان سىرلىق ھۇشقىرغان ئاۋازنىڭ ھىندى ئوكياننىڭ تېگىدە پەيدا بولغان يانار تاغ سەۋەبىدىن چىقىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى.

1337983
يەر شارىنىڭ ئەتراپىدىكى ھۇشقىرغان ئاۋاز نېمىنىڭ ئاۋازى؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالىملار يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان يەر شارىنىڭ ئەتراپىدا ئاڭلىنىدىغان سىرلىق ھۇشقىرغان ئاۋازنىڭ، ھىندى ئوكياننىڭ تېگىدىكى مۆجىزە خاراكتېرلىك يەر تەۋرەش ھەرىكەتلىرىدىن پەيدا بولغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

«Livescience.com» ئىنتېرنېت بېتىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، گېرمانىيەنىڭ پوستدام (Postdam ) يەر تەۋرەش تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى سىمونې چىسكا (Simone Cesca) باشچىلىقىدىكى تەتقىقات گۇرۇپپىسى تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىنى «تەبىئەت ئىلمى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان بولۇپ، ھۇشقىرغان ئاۋازنىڭ ھىندى ئوكياننىڭ تېگىدىكى ماگما بىرىكمىلىرى سەۋەب بولغان يەر تەۋرەش ھەرىكەتلىرىدىن پەيدا بولغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.

ئالىملار تۇنجى قېتىم 2018-يىلى ئافرىقانىڭ شەرقىگە جايلاشقان ماداغاسقار بىلەن موزامبىك ئوتتۇرىسىدىكى مايوتتې ئارىلى ئەتراپىدا ئوخشاش ۋاقىتتا مىڭلارچە قېتىم يەر تەۋرەشنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى؛ ئارقىدىن 2018-يىلى ئۆكتەبىردىن باشلاپ بەزىلىرى 40 مىنۇت داۋاملاشقان سىرلىق ھۇشقىرغان ئاۋازنىڭ دولقۇنسىمان شەكىلدە ئاتموسفېراغا تارقالغانلىقىنى بايقىغان.

2019-يىلى فىرانسىيەنىڭ ئوكيان تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى مايوتتې ئارىلى ئەتراپىدا ئوكياننىڭ ئاستىدا كەڭلىكى بەش كىلومېتىر ۋە ئوكيان ئاستىدىن ئېگىزلىكى 800 مېتىر كېلىدىغان يېڭى يانار تاغنىڭ شەكىللەنگەنلىكىنى بايقىغان بولۇپ، بۇ سىرلىق ھۇشقىرغان ئاۋازنىڭ يېشىلىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان.

ئالىملار تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، يانار تاغنىڭ ھىندى ئوكياننىڭ ئاستىدىن 32 كىلومېتىر تۆۋەندە، كەڭلىكى 15 كىلومېتىر كېلىدىغان بىرىكمە ماگمالارنىڭ ئوكيان ئۈستىگە چىقىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەنلىكىنى، بىر يىل ئىچىدە ۋولقان خاراكتېرلىك شەكىللىنىشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ۋە بۇ زىچ يەر تەۋرەش ھەرىكەتلىرىنىڭ ھۇشقىرغان ئاۋازنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر