تەيۋەن سودا كۈنلىرى مۇنبىرى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدۇ
21 شىركەتنىڭ قاتنىشىشى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان تەيۋەن سودا كۈنلىرى مۇنبىرىنىڭ 12-نويابىر ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
1302709
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەيۋەننىڭ ئەقىللىق ماشىنىلىرى، يېشىل ئېنېرگىيە، ئەقىللىق مېدىتسىنا ۋە ھالال مەھسۇلاتلار ساھەسىدە پائالىيەت كۆرسىتىۋاتقان 21 شىركەتنىڭ قاتنىشىشى ئاستىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغان «تەيۋەن سودا كۈنلىرى مۇنبىرى» 0Taiwan Business Day Forum) 12-نويابىر ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.
تەيۋەن سودا كۈنلىرى مۇنبىرى تەيۋەن سودا مەركىزى تەرىپىدىن «فېيىرمونت كۋاسار ئىستانبۇل مېھمانخانىسى» (Fairmont Quasar İstanbul) دا ئۆتكۈزۈلىدۇ.
پائالىيەتتە، مەزكۇر ساھەلەرگە مۇناسىۋەتلىك تېمىلار مۇھاكىمە قىلىنىدۇ ۋە يېڭى ھەمكارلىق ھەمدە سېلىنما ئاساسىنىڭ قويۇلىدىغانلىقى كۈتۈلمەكتە.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ت ر ت «‹Telly› مۇكاپاتى» غا لايىق كۆرۈلدى
تۈركىيە رادىيو-تېلېزىيە ئىدارىسى- ت ر ت «‹Telly› مۇكاپاتى» غا لايىق كۆرۈلدى .