ئەغرىچايىر ھەسىلى «دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ھەسەل» مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلدى

ئەغرىچايىر ھەسىلى كانادانىڭ مونتىرېيال (Montreal) شەھىرىدە 8-12-سېنتەبىر كۈنلىرى ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن 46-نۆۋەتلىك دۇنيا ھەرە بېقىش كونگرەسىدە «دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ھەسەل» مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلدى.

1268731
ئەغرىچايىر ھەسىلى «دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ھەسەل» مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كانادانىڭ مونتىرېيال شەھىرىدە 8-12-سېنتەبىر كۈنلىرى ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن 46-نۆۋەتلىك كونگرەنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنىدە، «دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ھەسەل» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەغرىچايىر ھەسىلىنىڭ خوجايىنى جەلال چاي: «بىز مەرسىننىڭ توروس تاغلىرىدا ئورگانىك ھەرە مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىدىغان شىركەت. ئائىلىمىزنىڭ ھەرە بېقىش ئەنئەنىسى 300 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئەۋلادتىن ئەۋلادقا داۋاملىشىۋاتىدۇ. كۈنىمىزدە ئائىلىنىڭ يېڭى ئەۋلادلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن داۋاملىق ئەڭ ياخشى ھەسەلنى ئىشلەپچىقىرىمىز. ئەغرىچايىر ھەسىلى 2009-يىلىدىن تارتىپ ئىزچىل ھالدا مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىۋاتىدۇ. ئورگانىك ھەسىلىمىز 2013-يىلى ئۇكرائىنا پايتەختى كىيېۋدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ھەرە بېقىش تەشكىلاتى كونگرەسىنىڭ مۇسابىقىسىدە كۈمۈش مېدالغا، 2017-يىلى ئىستانبۇلدىكى يىغىندا ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن ئىدى» دېدى.

تۈركىيەنىڭ مونتىرېيال شەھىرىدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى باركان ئۇمرۇق كونگرە بويىچە تۈركىيەلىك ھەرە باققۇچىلار بىلەن بىرگە بولدى.

ئۇ كونگرەدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەردىن ئۆزلىرىنى شەرەپلىك ھېس قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ: «تۆت پەسلى ئېنىق، ئۆسۈملۈكلىرى مول بولغان دۆلىتىمىزنىڭ تەبىئىي ئالاھىدىلىكلىرىدىن ئەڭ ياخشى پايدىلانغان ھەرە باققۇچىلىرىمىزنىڭ بەرىكەتلىك خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە، دۆلىتىمىزدىكى بىر شىركەتنىڭ 46-نۆۋەتلىك دۇنيا ھەرە بېقىش كونگرەسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىشى ۋە <دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ھەسەل> مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلۈشى، بىزنى خۇشاللىققا چۆمدۈردى» دېدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر