ئاسىيا دۆلەتلىرى يازغۇچىلىرى مۇنبىرى قازاقىستان پايتەختى نۇرسالتاندا باشلاندى

تۇنجى نۆۋەتلىك ئاسىيا دۆلەتلىرى يازغۇچىلىرى مۇنبىرى يىغىنى قازاقىستان پايتەختى نۇرسۇلتاندا باشلاندى.

1263522
ئاسىيا دۆلەتلىرى يازغۇچىلىرى مۇنبىرى قازاقىستان پايتەختى نۇرسالتاندا باشلاندى
Kasim Comert Tokayev.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۇنجى نۆۋەتلىك ئاسىيا دۆلەتلىرى يازغۇچىلىرى مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توكايېۋ شۇنداقلا تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 38 دۆلەتتىن كەلگەن 300 گە يېقىن تونۇلغان يازغۇچى ۋە ئەدىب ئىشتىراك قىلدى.

قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توكايېۋ يىغىندا سۆز قىلىپ، يىغىننىڭ مۇھىم دىيالوگ مۇنبىرىگە ئايلىنىشى ۋە بۇ مۇنبەردە ئىنسانىيەتنى قايغۇغا سېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بەس – مۇنازىرە قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

ئەدەبىيات دۇنياسى ئۈچۈن ئىمكانىيەتلەرنى يارىتىپ بېرىشنىڭ تۈپ نىشانلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن توكايېۋ، «بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتى تەسىس قىلىشىمىز كېرەك ۋە بۇ مۇكاپاتنىڭ سالاھىيىتىنى دۇنياغا داڭلىق مۇكاپاتلار دەرىجىسىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك» دېدى.

ئۇ، ئاسىيالىق يازغۇچىلارنىڭ ئېلېكترونلۇق كۇتۇپخانا قۇرۇپ چىقىش پەيتىنىڭ كەلگەنلىگە ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى.

يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان ياۋرو-ئاسىيا يازغۇچىلار بىرلىكىنىڭ باشلىقى ياقۇپ ئۆمەرئوغلۇ ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، پىرېزىدېنت توكايېۋ ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەرنىڭ، ئاسىيا ئەدەبىياتىنىڭ كەلگۈسى يىللاردا ئۆز يولىنى سىزىپ، دۇنياغا ئاسىيا ماركىسى بىلەن تونۇلۇشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئاسىيالىق يازغۇچىلار ئارىسىدىكى ئۆزئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلغان يىغىننىڭ بىرىنچى كۈنىدە ئاسىيا دۆلەتلىرى ئەدەبىياتى ۋە دۇنيادىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.

6 – سېنتەبىرگىچە داۋاملىشىدىغان يىغىن دائىرىسىدە چەت ئەللىك يازغۇچىلارنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىق كېلىشىملىرىنى ئىمزالاشلىرى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر