ياپونىيەلىك مۇتەخەسسىس: ھاياتىمنى تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈشنى خالايمەن

29 يىلدىن بۇيان ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ياپونىيەلىك يەر تەۋرەش مۇتەخەسسىسى ۋە ئالىي مىمار يوشىنورى مورىۋاكى تۈركىيەدىن كېتىشنى خالىمايدۇ.

1258518
ياپونىيەلىك مۇتەخەسسىس: ھاياتىمنى تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈشنى خالايمەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مورىۋاكى ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 1990-يىلى ياپونىيەدىن تۈركىيەگە بىر ئايلىق ئىستانبۇلدىكى بىر مېھمانخانىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ: «تۈركىيە تەبىئىي مەنزىرەسى ناھايىتى گۈزەل دۆلەت. كىشىلىرى ناھايىتى سەمىمىي. مەسىلەن، مەن ئەنگلىيە ۋە گېرمانىيەگە بېرىپ تۇرىمەن، ئۇ يەرلەردە كىشىلەرنىڭ سوغۇق مۇئامىلىسىگە ئۇچرايمەن. بىراق، تۈركىيەدىكى كىشىلەر ناھايتى قىزغىن» دېدى.

ئۇ تۈرك يېمەكلىكلىرىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، بەزى يېمەكلىكلەرنى پىشۇرۇشنى ئۆگەنگەنلىكىنى، بولۇپمۇ كونيانىڭ گۆش قاتلىمىسىنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ تۈركىيەنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ياپونىيەگە زىيارەتكە بارغىنىمدا بىر ھەپتە ئۆتە-ئۆتمەي تۈركىيەگە قايتىپ كەتكىم كېلىدۇ. ھاياتىمنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزىمەن. تۈركىيەنىڭ ھەممە يېرىگە بېرىشنى خالايمەن.ئەگە رايونى ناھايىتى چىرايلىق. دېڭىزنى ياخشى كۆرىمەن. دەم ئېلىش كۈنلىرىمدە دېڭىزغا يېقىن بولغان يەرلەرگە بارىمەن» دېدى.

ئۇ تۈركىيەدىكى نۇرغۇن ۋىلايەتلەرنى ساياھەت قىلغانلىقىنى، ياخشى كۆرىدىغان جايلاردىن بىرىنىڭ سافرانبولۇ ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«تۈركىيەدە نۇرغۇن چىرايلىق يەرلەر بار. سافرانبولۇغا بىر قانچە قېتىم باردىم. سافرانبولۇدا ياپونىيەلىكلەرمۇ بار. ياپونىيەلىكلەر ئۇ يەرنى بەك ياخشى كۆرىدۇ. مېنىڭ بىر دوستۇم سافرانبولۇدا ياشايدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر