يېڭى يۇلتۇزلار تۈركۈمى بايقالدى

چىلىدىكى ياۋروپا جەنۇبىي كۆزىتىش ئۆيى يەرشارىدىن مىلياردلارچە نۇر يىلى يىراقلىقتا 39 يۇلتۇز تۈركۈمىنى بايقىدى.

1250387
يېڭى يۇلتۇزلار تۈركۈمى بايقالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «تەبىئەت» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، تېلېسكوپ ئارقىلىق سىنغا ئېلىنغان كۆرۈنۈشلەر 13.7 مىليارد يىل بۇرۇن شەكىللەنگەن ئالەمنىڭ تۇنجى 2 مىليارد يىللىق مەزگىلىدە چوڭ يۇلتۇزلار تۈركۈمىنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىكەن.

تەتقىقاتلارغا قاتناشقان تاۋ ۋاڭ قولغا كەلگەن نەتىجىلەرنىڭ ئالەمنىڭ شەكىللىنىش باسقۇچىنى قايتىدىن چۈشىنىشنى ۋە ئالەمگە بولغان قاراشنىڭ ئۆزگىرىشىگە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ كۆرۈنۈشلەرنىڭ تېخىمۇ چوڭ ياكى تېخىمۇ نۇرلۇق باشقا يۇلتۇزلارنىڭ بار بولۇش ئېھتىمالىنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئالەمدىكى چوڭ چاڭ-توزان توپلىمىنىڭ يىراقلىقتىكى يۇلتۇزلارنىڭ كۆرۈلۈشىنى ئاجىزلىتىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر