ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئاخبارات بىرلەشمىسى مۇنبىرى يىغىنى باشلاندى

تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى -ت ر ت باش مۇدىرى ئىبراھىم ئەرەن: «خەلقىمىز ت ر ت تارقاتقان خەۋەرلەرنىڭ ھەممىسىگە ئىشىنىدۇ» دېدى.

1245027
ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئاخبارات بىرلەشمىسى مۇنبىرى يىغىنى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ت ر ت باش مۇدىرى ئىبراھىم ئەرەن ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئاخبارات بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم پائالىيەتلىرىدىن بىرى بولغان ۋە ت ر ت نىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن 5-قېتىملىق دۇنيا خەۋەر مۇنبىرىگە قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.

ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئاخبارات بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان ئىبراھىم ئەرەن، مۇنبەرنىڭ 35 دۆلەتتىن كەلگەن 120 دىن ئارتۇق مېھماننىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن باشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنبەرنىڭ بۇ يىلقى تېمىسىنىڭ «خەۋەرچىلىكتە ئىشەنچلىك ۋە دۇرۇست بولۇش» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى:

«ئاممىۋى ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ ئىشەنچلىك بولۇشى، كۈنىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى كۆرۈرمەنلەر ئېرىشەلەيدىغان مىليونلارچە خەۋەر مەنبەلىرى بار. ھەر كۈنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا يۈزلەرچە خەۋەر كۆرۈلىدۇ. خەلقئارادا <يالغان خەۋەر> دېيىلىدىغان، توقۇلغان يالغان خەۋەرلەر ناھايىتى كۆپ كۈنتەرتىپكە كەلدى، تارقىلىشقا باشلىدى. بۇ ئەسلىدە بىزگە ئوخشاش دۆلەت ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ ۋە ئاساسىي ئېقىم تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرماقتا.»

ئۇ ت ر ت خەۋەر (TRT Haber) نىڭ بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان كۆرۈلۈش نىسبىتىدە، ئەڭ يۇقىرى رەتتىن ئورۇن ئالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «خەلقىمىز ت ر ت تارقاتقان خەۋەرلەرگە ئىشىنىدۇ. ت ر ت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن قىلىشقا تىرىشقا ئىشىمىز، كۆرۈرمەنلىرىمىزگە ھەر دائىم توغرا خەۋەرنى يەتكۈزۈش، بەرگەن ھەر بىر خەۋەرنى تەكشۈرۈش ۋە خەۋەرنىڭ مەزمۇنىدا خاتا مەلۇمات بولماسلىقىغا ئىنتايىن دىققەت قىلىش. ھەر كۈنى يۈزلەرچە، ھەپتىدە مىڭلارچە يېڭى خەۋەر بېرىمىز. بۇ خەۋەرلەرنىڭ ھەممىسىنى تەكشۈرۈش ھەقىقەتەن ناھايىتى قىيىن» دېدى.

ئۇ كۆرۈرمەنلەرنىڭ خەۋەرلەرگە ناھايىتى تېز ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ھەممە خەۋەرنىڭ ۋاقتى ئۆتىدۇ، يېڭى خەۋەرلەرنى بىلىشنى، كۆرۈشنى خالايدۇ. بۇ بىزنى يېڭىلىققا مەجبۇرلايدۇ» دېدى.

ئۇ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى:

«يېقىنقى ۋاقىتلاردا يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە شۇنى كۆردۇقكى، خەۋەرچى بولۇش، ئىشەنچلىك خەۋەر مەنبەسى بولۇش ناھايىتى مۇھىم. كۆرۈرمەنلەرنىڭ يېڭىدىن خەۋەر مەنبەلىرىنى تاللىشى ۋە بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئىشەنچلىكلىرىنى بەلگىلەپ، ئۇلاردىن كەلگەن مەلۇماتلارنىڭ توغرىلىقى تەكشۈرۈلگەن مەلۇمات ئىكەنلىكىگە جەزم قىلغاندىن كېيىن قوبۇل قىلىش كېرەكلىكىگە ئىشىنىمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر