مىسىردا بىر قەدىمىي شەھەر قالدۇقلىرى بايقالدى

مىسىرنىڭ ئىسكەندەرىيە شەھىرىدە رىم دەۋرىگە تەۋە قەدىمىي شەھەر قالدۇقلىرى تېپىلدى.

1239042
مىسىردا بىر قەدىمىي شەھەر قالدۇقلىرى بايقالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر تارىخىي يادىكارلىقلار ئورگىنى باشلىقى ئەيمەن ئەشماۋى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، مىسىر ۋە پولشالىق ئارخېئولوگلارنىڭ ئىسكەندەرىيە شەھىرىدە ئېلىپ بارغان ئورتاق خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە، رىم دەۋرىگە تەۋە قەدىمىي شەھەر قالدۇقلىرىنىڭ تېپىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئەشماۋى، مىلادىدىن كېيىنكى 4 – ۋە 6 – ئەسىرلەرگە تەۋە ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان شەھەردە، كىچىك بىر تىياتىر، ئىمپېراتورلۇق ھاممامى ۋە بىر ئۇنىۋېرسىتېتقا ئائىت بولسا كېرەك دەپ قارالغان 22 دانە دەرسلىكنىڭ قالدۇقلىرىنىڭ بارلىقىنى قەيت قىلدى.

رىملىقلار، مىلادىدىن بۇرۇنقى 30 – يىللاردىن مىلادىدىن كېيىنكى 641 – يىللار ئارىسىدا مىسىردا ھۆكۈم سۈرگەن بولۇپ، تارىخچىلار ئۇ دەۋردىكى مىسىرنى «رىم ۋە ۋىزانتىيە مىسىرى» دەپ ئاتايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر