15-ئىيۇل توغرىسىدا ۋىدېئو تەييارلاندى
15-ئىيۇل فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ۋە ھاكىمىيەتنى ئىگەللىۋېلىش ئۇرۇنۇشىنىڭ 3-يىللىقى ئۈچۈن يەتتە تىلدا ۋىدېئو تەييارلاندى.
1231920
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئۇچۇر-ئالاقە مۇدىرى پىروفېسسور دوكتور فاھرەتتىن ئالتۇن تۋىتتېر ئۇچۇر ھەمبەھىرلەپ، 15-ئىيۇل دېموكراتىيە ۋە مىللىي بىرلىك كۈنى دائىرىسىدە، تۈركچىدىن باشقا، ئىنگلىزچە، رۇسچە، نېمىسچە، فىنسۇزچە، ئىسپانچە ۋە ئەرەبچە قاتارلىق يەتتە تىلدا ۋىدېئو تەييارلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
«ۋەتەن بىزننىڭ، ئىرادە بىزنىڭ» تېمىسىدا ۋە 15-ئىيۇل خائىنلارچە قىلىنغان ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنى چۈشەندۈرگەن ۋىدېئولارغا «http://15temmuz.gov.tr» ئادرېسىدىن كۆرگىلى بولىدۇ.