قاتاردا مېديا شەھىرى قۇرۇلىدۇ

قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھامەد ئالسانى تاراتقۇ پائالىيەتلىرىنى باشقۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان «مېديا شەھىرى» قۇرۇش قانۇنىنى تەستىقلىدى.

1211774
قاتاردا مېديا شەھىرى قۇرۇلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار «QNA» ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، شەيخ تەمىم ئۆزىنىڭ مۇستەقىل خامچوتى بولىدىغان ۋە چېكى مىنىستىرلار كېڭىشى تەرىپىدىن بېكىتىلىدىغان مېديا شەھىرى قۇرۇش قانۇنىنى تەستىقلىغان.

قۇرۇلماقچى بولغان مېديا شەھىرى ئارقىلىق، قاتاردا تاراتقۇ پائالىيەتلىرىنى باشقۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش؛ خەلقئارالىق تاراتقۇلارنى، تېخنولوگىيە شىركەتلىرىنى، ئاخبارات ۋە دىجىتال تاراتقۇ ساھەسىدە تەتقىقات خىزمەتلىرى ۋە تەلىم-تەربىيە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىركەتلەرنى بۇ شەھەرگە يۆتكەش مەقسەت قىلىنىدۇ.

مېديا شەھىرىنىڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنى تارقىتىش، گېزىت، ژۇرنال، كىتاب نەشر قىلىش ۋە تارقىتىشلارغا رۇخسەت بېرىش ھوقۇقى بولىدۇ. مېديا شەھىرى يەنە، ئەركىن رايون سالاھىيىتىگە ئىگە بولىدۇ ۋە يەرلىك تاراتقۇلارنىمۇ قوللايدۇ.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە، سكاي نىيۇس ئەرەبىيە (Skynews Arabia)، س ن ن ئەرەبىيە (CNN Arabia)، م ب س (MBC) قاتارلىق چوڭ تاراتقۇ شىركەتلىرى بار.

قاتار مېديا شەھىرى ئارقىلىق خەلقئارالىق تاراتقۇ شىركەتلىرىنىڭ جەلپ قىلىش مەركىزىگە ئايلىنىشنى نىشان قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر