سۇلتان سۈلەيماننىڭ ماي بوياق رەسىمى سېتىلدى

ئىتالىيەلىك رەسسام گېنتايل بېللىنىنىڭ ئىزباسارلىرىدىن بىرى سىزغان دەپ قارىلىۋاتقان قانۇنىي سۇلتان سۈلەيمان ماي بوياق رەسىمى 5 مىليون 323 مىڭ 500 فوندستېرلىڭغا سېتىلدى.

1193916
سۇلتان سۈلەيماننىڭ ماي بوياق رەسىمى سېتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لوندوندىكى Sotheby's باھا تالاشتۇرۇپ سېتىش ئورنىنىڭ «ئىسلام دۇنياسىنىڭ سەنئەتلىرى» ناملىق قەدىمىي ئەسەرلىرى تۈنۈگۈن بازارغا سېلىندى.

Sotheby's نىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، باھا تالاشتۇرۇپ سېتىش دائىرىسىدە بازارغا سېلىنغان 311 پارچە ئەسەرنىڭ ئارىسىدا ئىتالىيەلىك رەسسام گېنتايل بېللىنىنىڭ ئىزباسارلىرىدىن بىرى سىزغان دەپ قارىلىۋاتقان قانۇنىي سۇلتان سۈلەيمان ماي بوياق رەسىمىنىڭ 5 مىليون 323 مىڭ 500 فوندستېرلىڭغا سېتىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

پادىشاھ تەختكە ئولتۇرغان 1520 – يىلى ئەتراپىدا ۋېنېدىكتە ئوسمانلى سارىيىغا كىرىپ چىقالايدىغان غەربلىك دىپلوماتلارنىڭ تەرىپلەشلىرىگە ئاساسەن سىزىلغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىلىۋاتقان ماي بوياق رەسىم، باھا تالاشتۇرۇپ سېتىشقا سۇنۇلۇشتىن ئىلگىرى 250 مىڭ بىلەن 350 مىڭ فوندستېرلىڭ ئارىلىقىدا سېتىلىشى مۇمكىن، دەپ قارالماقتا ئىدى.

Sotheby’s نىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە ئىسلام سەنئەتلىرى مۇتەخەسسىسى ئالېكساندرا روي باھا تالاشتۇرۇش سېتىش پائالىيىتى توغرىسىدا ئالدىن مەلۇمات بېرىپ، قانۇنى سۇلتان سۈلەيمان ماي بوياق رەسىمىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك ئىككى ئەسەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر