« Wonderland Eurasia » زىيارەتچىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەرىپىدىن ئېچىلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلغان « Wonderland Eurasia » باغچىسىنى 4 كۈن ئىچىدە چەت ئەللىكلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 1 مىليون 700 مىڭ كىشى زىيارەت قىلدى.
1170032
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 1 مىليون 300 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق ساھەگە قۇرۇلغان 2 مىڭ 117 ئويۇنچۇقى بار« Wonderland Eurasia » باغچىسىدا، زىيارەتچىلەرگە كۆڭۈل ئېچىش ۋە دەم ئېلىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىلىدۇ.
ھازىرغىچە قۇرۇلۇشىنىڭ % 95 تى تاماملانغان، يەرلىك ۋە چەت ئەللىك زىيارەتلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن Wonderland Eurasia » باغچىسىنىڭ قالغان قىسىملىرىنىڭ 23 – ئاپرېلغىچە تاماملىنىشى پىلانلانماقتا.
ئىگىلىنىشىچە، دۇنياغا داڭلىق سەنئەتچىلەر ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە Wonderland Eurasia » باغچىسىدا كونسېرت بېرىدىكەن.