موسكۋادا نورۇز بايرىمى تەبرىكلەندى

«باھارنىڭ بىشارەتچىسى» دەپ قارىلىدىغان نورۇز بايرىمى رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادىمۇ تەبرىكلەندى.

1169733
موسكۋادا نورۇز بايرىمى تەبرىكلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمغا قازاق، ئۆزبېك، تاجىك، ئۇيغۇر، قىرغىز، ئەزەر ۋە باشقا خەلقلەردىن بولۇپ مىڭلارچە ئادەم ئىشتىراك قىلدى.

تەبرىكلەش پائالىيىتىدە تۈرك دۇنياسىنىڭ خەلق ئۇسسۇللىرى ئورۇندالدى، ئوخشاش بولمىغان ئەللەردىن كەلگەن سەنئەتچىلەر ھەرخىل نومۇرلارنى ئورۇندىدى.

پائالىيەتكە مىللىي كىيىملىرىنى كىيىشكەن ھالدا ئىشتىراك قىلغان مىڭلارچە ئادەم، ئوخشاش بولمىغان مىللەتلەرنىڭ تۈرلۈك تائاملىرىنى تېتىپ بېقىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر