سامسۇندىكى يېزا مەكتىپىنىڭ ئايال ئوقۇتقۇچىسى خەلقئارالىق مۇكاپاتقا ئېرىشتى

سامسۇندا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان دىلەك لىۋانەلى ياۋروپا خەلقئارالىق ئاياللارنىڭ رەھبەرلىكى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

1159283
سامسۇندىكى يېزا مەكتىپىنىڭ ئايال ئوقۇتقۇچىسى خەلقئارالىق مۇكاپاتقا ئېرىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سامسۇننىڭ چارشەنبە ناھىيەسى كۇمكۆي (قۇم يېزىسى) باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دىلەك لىۋانەلى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ «ياۋروپا خەلقئارالىق ئاياللارنىڭ رەھبەرلىكى ماكاپاتى» غا لايىق كۆرۈلدى.

دىلەك لىۋانەلى ياۋروپا پارلامېنتىدىكى مۇراسىمدا قىلغان سۆزىدە، ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتى بويىچە ھەر بىر ئوقۇغۇچىسىنىڭ يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «قىلىشىم كېرەك بولغان بىردىنبىر ئىشىم، بۇلارنى بايقاش بولۇپ، ئۆزىنى ئۆزىگە قانداق ئىشەنگەن ھالدا ئىپادە قىلالايدىغانلىقىنى تېپىش ئىدى» دېدى.

ئۇ يېزىدا 8-مارت ئاياللار بايرىمىنى تەبرىكلىگەنلىكلىرىنى ئەسكەرتىپ: «يېزىدىكى ئاياللار ۋە ئوقۇغۇچىلارغا، غايە، غەيرەت-شىجائەت، ئالاقە قاتارلىق جەھەتلەردە ئىلھام بېرىش كېرەك. ئەگەر بۇنىڭدا مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندا، كىشىلەر بىر كۈنى بىزگە ئىشىنىدۇ، بىزنى سۆيىدۇ ۋە بىزگە ئەگىشىدۇ» دېدى.

ئۇ ئاياللارنىڭ رەھبەرلىكى توغرىسىدا توختىلىپ: «ئاياللارنىڭ ئۆز ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاش جەھەتتە تەبىئىي ئىقتىدارى بار. پەقەت ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى ئاشكارىلاشقا رۇخسەت قىلىش كېرەك» دېدى.

بىريۇسسېل ئۇنىۋېرستېتى (VUB) دوكتورلۇق ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن، تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان دوكتور مىنە يىلدىزمۇ ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن سەككىز ئايال قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

دىلەك لىۋانەلى كارخانىچى ئەسلى ھىندىستانلىق بولغان ئامېرىكا پۇقراسى ساننى ۋوركېي (Sunny Varkey) نىڭ مائارىپ ساھەسىدە لايىھە تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقسىتىدە قۇرغان ۋە ئامېرىكانىڭ سابىق پىرېزىدېنتى بىل كلىنتون پەخرى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان «ۋوركېي جېمس» (Varkey Gems) ۋەخپى ئۆتكۈزگەن دۇنيا ئوقۇتقۇچى مۇكاپاتى كومىتېتى تاللىغان ئەڭ ياخشى 50 ئوقۇتقۇچى ئارىسىغا كىرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر