تىكا يەمەندە نۇرغۇن ئىنسانپەرۋەرلىك لايىھەلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇردى

تۈركىيە تۆت يىلدىن بۇيان ئىچكى ئۇرۇش توختىمايۋاتقان ۋە خەلقى ئاچارچىلىققا دۇچار بولغان يەمەنگە قارىتا كۆپ تەرەپلىمىلىك تاشقى سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

1109283
تىكا يەمەندە نۇرغۇن ئىنسانپەرۋەرلىك لايىھەلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقى تىكا (TİKA) 2018-2012 –يىللىرى ئارىسىدا يەمەندە مائارىپنى ئاساس قىلغان ھالدا سەھىيە، يېزا ئىگىلىكى ۋە ئاساسىي ئۇل-ئەسلىھە قاتارلىق ساھەلەردىن جەمئىي 93 لايىھەنى ئەمەلگە ئاشۇردى. 2012-يىلى ئاپرېلدا تىكانىڭ سانئادا ئېچىلغان ئىشخانىسى يەمەن مىقياسىدا مائارىپ ساھەسى بويىچە 25، سەھىيەدە 15، مەمۇرىي ئۇل-ئەسلىھە ساھەسىدە 23، ئىنسانپەرۋەرلىك ساھەسىدە 17، مەدەنىيەت ھەمكارلىقى ساھەسىدە سەككىز، يېزا ئىگىلىكى ۋە چارۋىچىلىق ساھەسىدە بەش لايىھەنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

تىكا 2013-يىلى پايتەخت سانئا، ئەدەن، تائىز ۋە ھۇدەيدە قاتارلىق شەھەرلەردە جەمئىي 60 بۆلۈمدىن تەركىپ تاپقان تۆت دىئالىز مەركىزى قۇردى.

تىكا تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ يوليورۇقى بويىچە ئەدەن ۋە تائىزدا قىيىن ھاۋا رايى شارائىتلىرى ئاستىدىمۇ پايدىلانغىلى بولىدىغان دوختۇرخانا سالدى. يەمەننىڭ مەمۇرىي سىستېمىسىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە 200 گە يېقىن يەمەنلىك مەمۇرىي خادىملارنى، تۈركىيەدە ئوخشىمىغان كەسىپلەر بويىچە تەربىيەلىدى. ئەدەن ئەمىن ناشىر سەھىيە ئىنىستىتۇتىنى تېببىي ئۈسكۈنىلەر بىلەن تەمىنلىدى. 250 ئوقۇغۇچى سىغىدىغان بىر ئوقۇغۇچىلار ياتاق بىناسىنى رېمونت قىلدى، 500 كىشىلىك ئىككى ئوقۇغۇچىلار ياتاق بىناسىنى ئەسلىھەلەر بىلەن تەمىنلىدى.

بۇ دائىرىدە، يەمەندە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئەدەننى ياشىغىلى بولىدىغان ھالغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇرۇشتىن قىپ قالغان ۋە توپلىنىپ قالغان ئەخلەتلەر تازىلاندى.

دالى، تائىز، لاھىچ، ئەبيەن ۋە ئەدەننىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا ياشايدىغان مىڭلارچە ئائىلىگە يېمەك-ئىچمەك ياردەم قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر