كانادادا تۈرك فىلىم فېستىۋالى ئۆتكۈزۈلدى

كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە تۈركىيەنىڭ تورونتودىكى كونسۇلخانىسى تەرىپىدىن تۈرك فىلىم فېستىۋالى ئۆتكۈزۈلدى.

1107695
كانادادا تۈرك فىلىم فېستىۋالى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە تۇنجى قېتىم تۈرك فىلىم فېستىۋالى ئۆتكۈزۈلدى.

مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق كىنوچىلىق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، تۈركىيەنىڭ تورونتودىكى كونسولخانىسى بىلەن يۇنۇس ئەمرە ئىنستىتۇتى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەت زىيارەتچىلەرنىڭ زور قىزىقىشىنى قوزغىدى.

تورونتو ئۇنىۋېرسىتېتى ئىننىس تىياتىرخانىسىدىكى پائالىيەتتە ئۈچ تۈرك فىلىمى قويۇلدى.

«گۈزەل ھايات»، «كېپىنەكنىڭ چۈشى»ۋە «ئاشق تاساددىپىيلىقنى ياخشى كۆرىدۇ»ناملىق فىلىملەر كىنوسۆيەرلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى.

فىلىملەرنى تورونتودا ياشاۋاتقان تۈركلەر ۋە يۈزلەرچە كانادالىق كىنوسۆيەرلەر كۆردى.

تۈركىيەنىڭ تورونتو كونسۇلى ئەردەنىز شەن، بۇ قېتىمقى تۈرك فىلىم فېستىۋالىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

كونسۇل شەن تورونتودىن تۈركىيەنى ساياھەت قىلىدىغانلارنىڭ سانىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەۋاتقانلىقىنىمۇ ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر