ئىنساننى ياخشىلىق ياشنىتىدۇ

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۇمە خۇتبىلىرى/ 49 - 2018

1102708
ئىنساننى ياخشىلىق ياشنىتىدۇ

 

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:

«ياخشىلىق ۋە تەقۋادارلىق (ئاللاھنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىشتىن قېچىش) ئارقىلىق ياردەملىشىڭلار! لېكىن گۇناھ ۋە دۈشمەنلىكتە ياردەملەشمەڭلا، ئاللاھقا قارشى چىقىشتىن ساقلىنىڭلار، چۈنكى ئاللاھنىڭ ئازابى ئىنتايىن قاتتىقتۇر»[1] ()

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس - شەرىپتە يەنە مۇنداق دەيدۇ:

«قىلغان ياخشىلىقى ئۆزىنى سۆيۈندۈرىدىغان ۋە قىلغان يامان ئىشلىرىمۇ ئۆزىنى ئازابلاندۇرىدىغان كىشى ھەقىقىي مۆئمىندۇر»[2]

ئەزىز قېرىنداشلار!

ئىسلام مەدەنىيىتىدە ياخشىلىق مەجۇتلۇقىمىزنىڭ غايىسى ھسابلىنىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا بىزلەرنى يەر يۈزىدە ياخشى ئىنسان بولۇش ۋە ياخشىلىقنى ھاكىم قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن.  ياخشىلىق كۈندىلىك تۈرمىزىشىمىزدا «خەيرلىك» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. «خەيرلىك» دېيىلگەن چاغدا ھەر تۈردىكى گۈزەل، پايدىلىق ئىش ۋە مەردانە مۇئامىلە - مۇناسىۋەتلەر كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ. شۇڭا ئىسانىيەتكە ياخشىلىق ۋە ياردەم قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئۇرگانلارمۇ تىلىمىزدا «ياخشىلىق ئورگانلىرى، خەير - ساخاۋەت جەمئىيىتى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئىنسانلارغا ياخشى تىلەكلىرىمىزنى بىلدۈرگەندىمۇ «خەيرلىك بولسۇن» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلىتىمىز. سەپەرگە ئاتلانغان كىشىلەرنىمۇ «سەپرىڭىز خەيرلىك بولسۇن» دەپ ئۇزىتىمىز. بىزگە ياخشىلىق قىلغان ئىنسانلارغىمۇ ھايات ۋاقتىدا خەيرلىك دۇئالارنى قىلىمىز، ۋاپاتىدىن كېيىنمۇ خەيرىلىك ئىشلىرى بىلەن ئەسلەيمىز. بارلىق ياخشىلىق ۋە خەيرىكلەرنىڭ ئاللاھنىڭ ئىلكىدە ئىكەنلىكىنى بىلگەنلىكىمىز ئۈچۈن «ياخشىلىق ئاللاھتىن» دېگەن سۆزلەرنى كۆپ ئىشلىتىمىز. ئائىلە جەمەتنىڭ ۋە مىللەتنىڭ مەنىۋىي قىممەت قاراشلىرىغا ئىگە چىققان بالىلىرىمىزنىمۇ «خەيرلىك ئەۋلاد بولدى» دەيمىز، شۇنىڭدەك باشقىلارنىڭ ياخشىلىقىنى ئويلايدىغان ۋە تىلەيدىغان كىشى ئۈچۈن «خەيرىخاھ» دېگەن تەبىرلەرنى ئىشلىتىمىز. پەيغەمبەر ئەليھىسىلامنىمۇ «خەيرۇل بەشەر، يەنى ئىنسانلارنىڭ ئەڭ خەيىرلىكى» دەپ تەرىپلەيمىز.

ئەزىز قېرىنداشلار!

ئۇلۇغ دىنىمىزدا پەقەتلا ياخشى ئادەم بولۇش ۋە ئۆزىمىزگە ياخشى بولۇشىمىز يېتەرلىك ھېسابلانمايدۇ. دىنىمىزنىڭ پۈتۈن مۇسۇلمانلاردىن تەلەپ قىلدىغىنى، ياخشى قىممەت قاراشلارنى يارىتىش، ياخشى قىممەت قاراشلارغا باشلامچىلىق ۋە رەھبەرلىك قىلىش شۇنداقلا يامانلىقلارنى ياخشىلىق بىلەن يوقۇتۇشتىن ئىبارەتتۇر. ئۇلۇغ كىتابىمىز قۇرئان كەرىم ئەنە شۇنداق قىلىنغان تەقدىردە ئەڭ ئەزەلىي دژشمەنلىكلەرنىڭمۇ ئەڭ قويۇق دوستلۇققا ئايلاندۇرغىلى بولىدىغانلىقىدىن خۇشخەۋەرلەرنى بېرىدۇ.  بۇنداق گۈزەل مۇئامىلە قىلىشنىڭ خەيرىلىك ۋە كامالەتكە يەتكەن كشىلەرنىڭ ئالامىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ[3].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ «ھەر بىر ياخشىلىق سادىقەدۇر»[4] دېيىش ئارقىلىق بۇ خىلمۇ خىل ياخشىلىقنىڭ ئىنساننى قانداق ساۋابقا ئىگە قىلىدىغانلىقىدىن خەۋەر بېرىدۇ. ئۇ يەنە بىر ھەدىسىدە، «ئى ئاللاھىم! مېنى ياخشىلىق قىلغاندا سۆيىنىپ كېتىدىغان، يامانلىق قىلغاندا مەغپىرەت تىلەيدىغان قۇللىرىڭدىن قىلغىن»[5] دەپ دۇئا قىلغانلىقى، ماھىيەتتە ھەممىمىزنى ياخشىلىق سىپىنىڭ ئاۋانگارتلىرىغا ئايلاندۈرۈشنى ئارزۇ قىلىغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر.

ئەزىز قېرىنداشلار!

بىزلەر ياخشىلىقنى پۈتۈن دۇنياغا ئۆگەتكەن، ياخشىلىق بىلەن قەلبلەرنى فەتھى قىلغان بىر مەدەنىيەتنىڭ ئىز باسارلىرىمىز. بۇ مەدەنىيەت «ئىنساننى ياشناتقىن كى، دۆلەت ياشنىسۇن» دېگەن ئاڭنى دۇنياغا بايراق قىلىپ تىكلىگەن ئىدى. بۇ مەدەنىيەت يېتىپ بارغانلىكى ھەر قانداق يەرگە مەسجىد، مەدرىسە، جامە، ۋەقىپ، بازار، ھاممام، مۇساپىرخانا، يېتىمخانا، شىپاخانا مەكتەپ، دارۇل ئۇلۇم، بۇلاق، چەشمە، مۇنارە، كۆۋرۈك ۋە كارۋانسارايلارنى بىنا قىلىپ زىننەت قوشقان ئىدى.  بۇ مەدەنىيەتنىڭ ئەزالىرى ياخشىلىقتا باشلامچى، ياخشلارنىڭ ھەمراھى بولۇشنى ئۆزىگە شەرەپ بىلىدۇ. بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىز، ئىنسانلارنىڭ غۇرۇرى ۋە ئابىرويىغا دەخلى يەتكۈزمەستىن ياردەم قىلىش مەقسىتىدە ئىھتىياجلىق كىشلەرگە «سەدىقە تېشى» نى ئويلاپ تېپىشتەك ئەستايىدىللىقنى كۆرسەتكەن ئىدى. بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىز سوغۇق قىش كۈنلىرىدە قۇشلارنىڭ توڭلاپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۇۋا ياساپ بېرىدىغان ۋە قۇش ئاسراش ئۆيلىرىنى ياسايدىغان دەرىجىدە رەھىم - شەپقەتلىك مەدەنىيەت ئىدى. 

بىراق مىڭ ئەپسۇسكى، بۈگۈنكى كۈندە ياخشىلىقنىڭ راۋاج تېپىشىغا ئاساس بولغان رايونلار شۇنداقلا ھەر تۈرلۈك ياخشىلىقلارنى بەرپا قىلغان ئۇلۇغ شەھەرلەرنى قان ۋە ئوق - دۇرىلارنىڭ پۇرىقى قاپلاپ تۇرماقتا. رەزىللىكلەر كۈنسىرى دۇنيانىڭ تۆت ئەتراپىنى قورشىماقتا.  بۇ ئەھۋاللارغا قارىتا ئىسلام دۇنياسى ئەمدىلىكىتە يەنە بىر قېتىم ياخشىلىق چاقىرىقىنى يېڭىلىشى لازىم. پۈتۈن دەۋرلەرگە شاھىت بولغان ۋە «مانا مەن مۇسۇلمان» دېگەن ھەرقانداق كىشى ياخشىلىقنىڭ قايتىدىن بۇ رايونلارغا ۋە پۈتۈن دۇنياغا ھاكىم قىلىنىشى ئۈچۈن سەپەرۋەر بولۇشى لازىم. ھەر بىر مۆئمىن ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن ئەتراپىدىن باشلاش ئۇسۇلى بويىچە، بارلىق ئىشلاردا خەيرلىككە ئاچقۇچ، يامانلىققا قۇلۇپ بولۇش ۋەزىپىسىنى ئۆزىگە پىرىنسىپ قىلىشى لازىم.

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار!

ھازىرقى كۈندە ياخشىلىق دېگەن ئۇقۇم ئىككى چوڭ خەۋپكە دۇچ كۈلمەكتە. بۇ خەۋپلەردىن بىرىنچىسى ياخشىلىقنى كىشىنىڭ ئۆز مەنپەئەتى ۋە شەخسىي غەرىزى ئۈچۈنلا قىلىشىدىنلا ئىبارەتتۇر. ئىككىنچىسى بولسا، ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن خالىس قىلىنىشى كېرەكلىك خەيرىلىك ۋە ياخشىلىقپەرۋەلىكنىڭ ئورنىنى كۆپىنچە رىياكارلىق ۋە مەنمەنچىلىكنىڭ ئىگىلەپ كېتىشىدۇر. بۇنداق سەلىبىي ئەھۋاللارغا نىسبەتەن قىلىنىشى كېرەكلىك ئىش، يارىتىلىش ۋە مەۋجۇتلىقىمىزنىڭ غايىسىگە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىنساننىڭ قىممىتى ۋە غۇرۇرىنى يۇقىرى كۆرتۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر.  شۇنى ئۇنۇتماسلىق كېرەككى، ئىسلامنىڭ ياخشىلىق، سۆيگۈ، تىنچلىق، مەرھەمەت ۋە ئادالەت ئېڭىنى قايتىدىن پۈتۈن يۈرەكلەرگە سىڭدۈرىشىمىز لازىم. بۇ مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھەممىمىزنىڭ باش تارتىپ بولالماس مەجبۇرىيىتىمىزدۇر.

خۇتبىمىزنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ياخشىلىقنى مەۋجۇت بولۇشنىڭ سەۋەبى سۈپىتىدە چۈشەندۈرگەن تۆۋەندىكى دۇئاسى بىلەن ئاخىرلاشتۇرماقچىمىز.

«ئى ئاللاھىم! ياشاشنى ماڭا نىسبەتەن ھەر تۈرلۈك ياخشىلىقنى كۈپەيتىشنىڭ ۋەسىلىسى قىلىپ بەرگىن! ئۆلۈمنىمۇ ماڭا نىسبەتەن ھەر تۈرلۈك يامانلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ ۋەسىلىسى قىلىپ بەرگىن»[6] ئامىن!!!

 

 


[1]  - سۈرە مائىدە 2 – ئايەت

[2]  - تىرمىزى، فىتەن

[3]  - سۈرە فۇسسىلەتنىڭ 34 – ۋە 35 – ئايەتلىرىگە قارالسۇن

[4]  - مۇسلىم، زاكات بابى

[5]  - ئىبنى ماجە، ئەدەب بابى

[6]  - مۇسلىم، زىكىر بابى



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر