ئائىلىدە شەپقەت ۋە نازاكەت تىلى (ئاۋازلىق)

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۇمە خۇتبىلىرى/43 - 2018

1076457
ئائىلىدە شەپقەت ۋە نازاكەت تىلى (ئاۋازلىق)

ئەزىز مۇئمىن قېرىنداشلار! جۈمە كۈنىڭلار مۇبارەك بولسۇن!

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:

ئاللاھنىڭ ئالامەتلىرىدىن بىرسى شۇكى، ئۇ سىلەر ئۈچۈن ئۆز تىپىڭلاردىن ئاياللارنى ياراتتى، تاكى ئۇلارنىڭ يېنىدا ھوزۇرلىنىشىڭلار ئۈچۈن ھەمدە ئاراڭلاردا مۇھەببەت ۋە مەرھەمەت ئورناتتى. شەك- شۈبھىسىزكى، پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا نۇرغۇن ئالامەتلەر بار»[1]

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس - شەرىپتە مۇنداق دەيدۇ:

«سىلەرنىڭ ئەڭ خەيرىلىك بولغىنىڭلار ئائىلىسىگە ئەڭ خەيرىلىك بولغۇچىلاردۇر. مەنمۇ ئاراڭلاردا ئائىلىسىگە ئەڭ خەيرىلىك بولغۇچىلاردىنمەن»[2]

ھەممەيلەنكى مەلۇمكى، ئىسلام جاھىلىيەت دەۋرىگە تەۋە ھەر تۈرلۈك يامان سۆز ۋە ئادەتلەر يوقالغان، ئىمان ۋە گۈزەل ئەخلاق ھاكىم بولغان بىر سائادەت دەۋرىنى بەرپا قىلىپ بەرگەن ئىدى. ئىسلامنىڭ تۇنجى خىتاب ئوبيېكتى بولغان ساھابىلەر ياخشى خۇي مېجەز، گۈزەل سۆزلۈك، خالىس نىيەتلىك ئىنسانلاردىن تەشكىل تاپقان ئىلغار زاتلار ئىدى. ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن كەلگەن نەسىللەرگە ۋە بۈگۈنكى دەۋردىكى بىزلەرگە ئەڭ يارىشىدىغىنىمۇ ساھابە كىراملارنى ئۈلگە قىلىش، ئۇلارنىڭ قۇرئان بىلەن كامالەتكە يەتكەن ۋە سۈننەت بىلەن يۇغۇرۇلغان تۇرمۇش تەرزىنى دەۋرىمىزدە ياشنىتىش، گۈزەل ئەخلاقى ۋە مېھرى شەپقەتلىك مۇئامىلىسىنى ئۆزىمىزگە رەھبەر قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. 

دەرۋەقە سۆزنىڭ ئەڭ گۈزىلىگە ئەڭ يېقىندىكىلىمىز ھەقلىقتۇر. نازاكەت ۋە خۇشپىئىللىقا شۇنداقلا ئەڭ ئارزۇلۇق سۆيگۈ ۋە ھۆرمەتكە لايىق بولغان ئائىلىمىزدۇر. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس شەرىپتە: «سىلەرنىڭ ئەڭ خەيرىلىك بولغىنىڭلار ئائىلىسىگە ئەڭ خەيرىلىك بولغۇچىلاردۇر. مەنمۇ ئاراڭلاردا ئائىلىسىگە ئەڭ خەيرىلىك بولغۇچىلاردىنمەن»[3] دېگەن ئىدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز ئائىلىسى بىلەن ياخشىلىق ۋە ئېھسان ئاساسىدا قۇرۇپ چىققان رىشتىسىنى بىزگە ئۈلگە قىلىپ كۆرسەتكەنلىكى تولىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. چۈنكى ئائىلە بىر ئۆمۈر بۆيى سۆيگۈ، خاتىرىجەملىك ۋە ئىشەنچكە تولىدىغان ئەڭ سەمىمىي مۇھىت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئەزىز مۆئمىن قېرىنداشلار! ئاللاھ تائالا ئائىلە ئارقىلىق بىزلەرگە چوڭ دادا، جوڭ ئانا، ئاتا ئانا، ئايال، پەرزەنت، نەۋرە ۋە قېرىنداش بولۇشنى نېئمەت قىلىپ بەرگەن. ئائىلە ئانا قەلبنىڭ گۈزەللىكىدۇر ۋە دادا ئۆينىڭ بەرىكىتىدۇر. ئەر - ئايال ئوتتۇرىسىدىكى سۆيگۈ ۋە ساداقەتنىڭ چوڭقۇرلىقىدۇر. ئەۋلادنىڭ ئاتا ئانىسىغا كۆرسەتكەن ھۆرمىتى، مەرھەمەتنىڭ كەڭلىكىدۇر.

قۇرئان كەرىمدە ئاللاھ تائا ئائىلىگە ئوخشاش قىممەتلىك بىر خەزىنىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ، «ئاللاھنىڭ ئالامەتلىرىدىن بىرى شۇكى، ئۇ سىلەر ئۈچۈن ئۆز تىپىڭلاردىن ئاياللارنى ياراتتى، تاكى ئۇلارنىڭ يېنىدا ھوزۇرلىنىشىڭلار ئۈچۈن ھەمدە ئاراڭلاردا مۇھەببەت ۋە مەرھەمەت ئورناتتى. شەك- شۈبھىسىزكى، پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن، بۇنىڭدا نۇرغۇن ئالامەتلەر بار»[4] دەيدۇ.

ئېنىقكى، بەختىيار بىر ئائىلە، سۆيگۈ ۋە پىداكارلىق بىلەن قۇرىلىدۇ. ئادالەت ۋە ۋىجدان بىلەن مەۋجۇتلىقى مۇستەھكەملىنىدۇ. ئۈلپەت ۋە كۆيۈم - شەپقەت بىلەن قوغدىلىنىدۇ. زور قېيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن چاغلاردىمۇ كۆڭۈل ئالىدىغان بىر ئىككى ئېغىز سۆز ئائىلىنى بىر بىرىگە مەھكەم باغلىيالايدۇ. چوڭ كىچىك ھەر بىر جان ئىگىسىگە ھۆرمەت قىلىش ھاكىم ئورۇنغا ئۆتكەن بىر ئائىلىدە، رەھمەت ياڭرايدۇ، قوپاللىق ۋە زوراۋانلىق سۈكۈتكە پاتىدۇ.  ئائىلىنىڭ ئەر - ئايال ھەر بىر ئەزاسى كۆيۈمچان بولغان ئائىلىدە، ئىما قىلىپ بولسىمۇ ئازار بېرىدىغان، كۆڭۈلىنى رەنجىتىدىغان ئىش بولمايدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ پۈتۈن ھاياتى بويىچە ھېچ كىشىنى ئازارلاپ باققان ئەمەس. ئاياللىرىغا نىسبەتەن دائىم سەبىرچان، نازۇك، خوشپىئىل مۇئامىلە قىلغان. ھەتتا ھەدىس شەرىپتە: «ھېچ بىر مۆئمىن ئايالىدىن نەپرەت قىلمايدۇ. ئۇنىڭ بىرەر ئىشىنى ياختۇرمىسا، چوقۇم رازى بولىدىغان باشقا بىر ئىشى بولىدۇ»[5] دېيىش ئارقىلىق بىزلەرنى ئۆزئارا ماسلىشىشقا ۋە ئىنساپلىق بولۇشقا دەۋەت قىلغان ئىدى.

ئەزىز قېرىنداشلار! خەيرىلىك بىر مۆئمىن ھاياتنىڭ جاپا مۇشەققىتىنى بىرلىكتە تارتقان، دەردىگە ئورتاق بولغان، خوشاللىقىغا ھەمراھ بولغان ئائىلە ئەزالىرىنىڭ قىممىتىنى بىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ نېمەتلىرى بولغانغا ئوخشاش ئاللاھنىڭ ئامانىتىمۇ ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. مۆئمىن بولۇشنىڭ، يەنى «قولىدىن ۋە تىلىدىن باشقىلار خاتىرىجەم بولالايدىغان مۆئمىن»[6] بولۇشنىڭ ئالدى بىلەن ئۆز ئائىلىىسدىن باشلىنىدىغانلىقىنى قەتئىي ئۇنتۇمايدۇ. 

خەيرىلىك بىر ئايال، نېكاھلانغان چاغدا بەرگەن ۋەدىسىگە سادىق بولىدۇ. ئەھدىگە ۋاپا قىلىدۇ. ياخشى بىر دادا، ئائىلىسىدە ئادىل ۋە شەپقەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن سۆيۈلىدۇ. ئائىلە ئەزالىرى بىلەن ياخشىلىق يولىدا ھەر دائىم قەلب بىرلىكى ئىچىدە، مۇرىنى مۇرىگە تېرەپ ماڭىدۇ. چۈنكى ئائىلە ئىچىدىكى خوشاللىق ۋە خاتىرىجەملىك ساغلام بىر رىشتە بىلەن مەڭگۈلۈك ھالغا كېلىدۇ.

سۆيۈملۈك پەيغەمبرىمىز: «ئاللاھقا ۋە ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتقان كىشى خەيرىلىك گەپ قىلسۇن، بولمىسا سۈكۈت قىلسۇن»[7] دېگەن ھەدىسى ئارقىلىقمۇ مۆئمىنلەرگە ھەر دائىم خەيرىلىك سۆز قىلىشنى ۋە خەيرىلىك ئىشلارنىڭ ئارقىدىن يۈگۈرۈشنى ئۆگەتكەن ئىدى. بۇ نەسىھەتلەرنىڭ خىتاب ئوبيېكتى بولغان بىزلەرنىڭ ۋەزىپىمىز، خۇشچىراي، خۇش سۆزلۈك بولۇش، رەخمەت ئېيتىش ۋە تەقدىرلەشلەرنى ئائىلىمىزدىن ئايىماسلىقتىن ئىبارەتتۇر.

ئەزىز مۆئمىن قېرىنداشلار! قېنى ئەمىسە ئاچچىقى ۋە تاتلىقى بىلەن ھايات سەپىرىمىزنى بىرلىكتە داۋاملاشتۇرغان ئائىلىمىزنىڭ قىممىتىنى قايتىدىن ھېس قىلايلى!  ئاياللىرىمىز ۋە ئەۋلادلرىمىزغا نىسبەتەن شەپقەتلىك ۋە نازاكەتلىك مۇئامىلە قىلايلى! پىتنىڭ ئاچچىقىدا چاپاننى ئوتقا تاشلىمايلى! ئازارلىمايلى! ئۆزىمىزمۇ ئاغرىنىپ يۈرمەيلى! ئەكسىچە ھەرقانداق ئەھۋالدا ھەممەيلەنگە مېھرى شەپقەت، ئەخلاق - پەزىلەت بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى ئۆزىمىزگە بەلگە قىلايلى! ئائىلىدىكى بىئاراملىقلارنىڭ سەۋەبچىسى ئەمەس، خۇشاللىقنىڭ ۋە خاتىرىجەملىكنىڭ كاپالىتى بولايلى!

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بىزگە ئۆگەتكەن مۇنۇ دۇئانى تېلىمىزدىن چۈشۈرمەيلى!

«ئى پەرۋەردىگارىمىز! ئاياللىرىمىز ۋە ئەۋلاتلىرىمىز بىلەن كۆزلىرىمىزنى ئىللىتقىن، بىزنى تەقۋادارلارنىڭ ئىمامى قىلغىن»[8] ئامىن

 

[1] - سۈرە رۇم، 21ئايەت

[2] - تىرمىزى، مەناقىب، 63ھەدىس

[3] - تىرمىزى، مەناقىب، 63ھەدىس

[4] - سۈرە رۇم، 21ئايەت

[5] - مۇسلىم، رەدا، 61ھەدىس

[6]  - مۇسلىم، ئىمان، 65ھەدىس

[7]  - ئەبۇ داۋۇد، ئەدەب، 112ۋە 123 ھەدىسلەرگە قارالسۇن

[8]  - سۈرە فۇرقان، 74ئايەت



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر