ئەرەن: مەنپەئەت ۋە كۈچ توقۇنۇشلىرى دۇنياغا مۇقىمسىزلىقنى ئېكسپورت قىلماقتا

تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى- ت ر ت(TRT) باش مۇدىرى ئىبراھىم ئەرەن «ت ر ت ۋورلد مۇنبىرى» نىڭ، دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان توقۇنۇشلارنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن پايدىلىق نەتىجىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1061771
ئەرەن: مەنپەئەت ۋە كۈچ توقۇنۇشلىرى دۇنياغا مۇقىمسىزلىقنى ئېكسپورت قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ت ر ت باش مۇدىرى ئىبراھىم ئەرەن: «پارچىلىنىپ كەتكەن دۇنيادا تىنچلىق ۋە خەۋپسىزلىكنى قايتىدىن ئويلىنىش» تېمىسىدا ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان ت ر ت ۋورلد مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىشىدا مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ ت ر ت ئائىلىسى بولۇش سۈپىتىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان ئەڭ مۇھىم لايىھەلەردىن بىرى بولغان ت ر ت ۋورلد مۇنبىرىنىڭ ئىككىنچىسىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشاللىق ھېس قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ دۇنيا مىقياسىدا ئىشەنچ ۋە مۇقىملىق بۆھرانلىرى يۈز بەرگەن بىر مەزگىلدە مەسىلىلەرنى بىر يەرگە جەم بولغان ئاساستا تالاش-تارتىش قىلىش ۋە ھەل قىلىش چارىلىرى تېپىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ بۇ قاراشلارنى چىقىش قىلىپ ئۆتكۈزگەن ت ر ت ۋورلد مۇنبىرىدە، دەۋرنىڭ ئېنىقسىزلىقىغا دىققەتنى تارتىپ، ئۆزگىرىشكە قانداق ئىلھام بولۇش مۇمكىنلىكىنى تالاش-تارتىش قىلغانلىقلىرىنى خاتىرىلەتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«نۇرغۇن ئوخشىمىغان ساھەدە يۈز بەرگەن كۈچ ۋە مەنپەئەت توقۇنۇشلىرى دۇنياغا مۇقىمسىزلىقنى ئېكسپورت قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. بۇ توقۇنۇشلاردىن ئۆزىنى باقىدىغان قورال سودىگەرلىرى، مەنپەئەت لوبىلىرى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئىنسانىيەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالماقتا.»

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:

«مىڭلارچە كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان سۈرىيە ۋە يەمەندىكى ئىچكى ئۇرۇشلارنىڭ تەسىرلىرى، دۇنيادا پۈتۈن شىددەتلىك كۈچى بىلەن داۋاملىق ھېس قىلىنماقتا. بۇ ئۇرۇشلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان مىليونلارچە كىشى جېنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئىنتايىن قىيىن شارائىتلارغا قارىماي، ئۆزلىرىنىڭ ۋە بالىلىرىنىڭ ھاياتىنى دوغا تىكىش بەدىلىگە باشقا دۆلەتلەردە ياشاش ھەققى ئىزدەشكە مەجبۇر بولماقتا. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى تۈركىيەدە ياشاش ھەققىگە ئېرىشكەنلەردەك تەلەيلىك ئەمەس.»

ئۇ ب د ت تەرىپىدىن «ئېتنىك تازىلاش» دەپ ئاتالغان روھىنگيا مۇسۇلمانلىرى دۇچ كەلگەن زۇلۇم ۋە ئىرقىي ئايرىمىچىلىقلارنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقانلىقىنى، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە پەلەستىن ئۈچۈن ئادىل ھەل قىلىش چارىسى تېپىش ئېھتىمالىنىڭ بارغانسېرى ئازىيىۋاتقانلىقىنى، پەلەستىنلىكلەرنىڭ ياشاش شارائىتلىرىنىڭ تېخىمۇ قىيىنلىشىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ياۋروپادا يېقىنقى ۋاقىتلاردا يۇقىرى ئۆرلەۋاتقان ئىسلام قورقۇنچى ۋە چەت ئەللىكلەردىن نەپرەتلىنىش خاھىشىنىڭ يېڭى پارچىلىنىشلارغا سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ ت ر ت ۋورلد مۇنبىرىنىڭ مەسىلىلەرنى تالاش-تارتىش قىلىش ۋە يېڭى ھەل قىلىش چارىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش مەقسىتىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «دۆلىتىمىزنىڭ يېقىنقى يىللاردا قولغا كەلتۈرگەن تەرەققىياتى ۋە ئېلىپ بارغان ئىسلاھاتلىرى بىلەن، بولۇپمۇ ت ر ت نىڭ <ت ر ت ۋورلد>، <ت ر ت ئەرەبچە>، <ت ر ت كۇردى>، <ت ر ت ئاۋاز> قاتارلىق قاناللىرى بىلەن خەلقئارالىق سەھنىلەردىكى تەسىرى ۋە ئەھمىيىتى كۈنسېرى ئېشىۋاتىدۇ. پىروگراممىلىرىمىزدا كۆرۈنمىگەنلەرنى كۆرسىتىشنى، ئاۋازى ئاڭلانمىغانلارغا مىكروفون ئۇزىتىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

ئۇ ئىككى كۈن بويىچە ئاخباراتقا يېپىق ۋە ئوچۇق شەكىلدە يىغىنلارنىڭ ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى، دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر، سىياسەتچىلەر، پىكرىي جەھەتتىكى باشلامچىلار، ئاكادېمىكلار، سىياسىي ئاكتىپلار دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرگە، ئادەمنى مەركەز قىلغان ھەل قىلىش چارىلىرى تېپىشقا تىرىشىدىغانلىقلىرىنى ۋە پارچىلىنشىنى قانداق ئازايتىش مۇمكىنلىكىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئاخىرىدا، بۈگۈن (3-ئۆكتەبىر) ئىستانبۇلغا كەلگەن 600 دىن ئارتۇق سۆز قىلغۇچىنىڭ تەجرىبىلىرى ۋە بىلىمىدىن پايدىلىنىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە: «بۇ مۇنبەرنىڭ دۇنيادا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلارنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن پايدىلىق نەتىجىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر