«تىرىلىش ئەرتۇغرۇل» تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئامېرىكىدا

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نىيۇ جېرسې ئىشتاتىنىڭ برۇنسۋىك رايونىدىكى نىيۇ برۇنسۋىك ئىسلام مەركىزىدە قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەدە قويۇلغان «تىرىلىش ئەرتۇغرۇل» تېلېۋىزىيە تىياتىرى ناملىق تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

1038106
«تىرىلىش ئەرتۇغرۇل» تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئامېرىكىدا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پائالىيەت دائىرىسىدە «تىرىلىش ئەرتۇغرۇل» تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى پېرسوناژلارنى تەقلىد قىلىپ، تارىخىي كىيىم – كېچەكلەرنى كىيگەن ھالدا پائالىيەتكە قاتناشقان كۆپ ساندىكى چوڭ – كىچىك كىشىلەر «تۈرك چېدىرلىرى» تەرىقىسىدە لايىھەلەنگەن ئۈستەللەردە كۈتۈۋېلىندى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، مۇسۇلمان مېھمانلار ئۈچۈن «تۈرك بېگى» نىڭ تەختى ھازىرلاندى.

ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى تارىخى ۋە 13 – ئەسىردىكى ئوسمانلى بەگلىكىنىڭ قۇرغۇچىسى ئوسمان بەگنىڭ ئاتىسى ئەرتۇغرۇل غازى تونۇشتۇرۇلغان قىسقا فىلىمنىڭ قويۇلۇشى بىلەن باشلانغان پائالىيەت، « TRT World » تەرىپىدىن ھازىرلانغان «تىرىلىش ئەرتۇغرۇل» تېلېۋىزىيە تىياتىرى تونۇشتۇرۇلغان ۋىدېئونىڭ كۆرسىتىلىشى بىلەن داۋاملاشتى.

«تىرىلىش ئەرتۇغرۇل» تېلېۋىزىيە تىياتىرىغا ئاساسەن قويۇلغان تىياتىر ئويۇنىدىن كېيىن، «قىلىچ قالقان ئەترىتى» «تىرىلىش ئەرتۇغرۇل» تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ ھەممە ياخشى كۆرىدىغان مۇزىكىسىغا تەڭكەش قىلىپ ماھارەت كۆرسەتتى.

«تىرىلىش ئەرتۇغرۇل» تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى پېرسوناژلارنىڭ كىيىم – كېچەكلىرىنى كىيگەن چوڭ – كىچىك كىشىلەرنىڭ كۆرسەتكەن ماھارەتلىرى تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

پائالىيەتتىن كېيىن مېھمانلارغا تۈرك تائاملىرى، تاتلىق – تۇرۇملىرى ۋە ئايران ئېكرام قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر