ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلاردىكى پۈتۈن مەۋجۇداتنىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا مەنسۇپتۇر

ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلاردىكى پۈتۈن مەۋجۇداتنىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا مەنسۇپتۇر، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.

1021402
ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلاردىكى پۈتۈن مەۋجۇداتنىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا مەنسۇپتۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: مائىدە سۈرىسى، 114 – 120 – ئايەتلەر. مەريەم ئوغلى ئىسا: «ئى پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھ! بىزگە ئۈستىدە تاماق بار داستىخان چۈشۈرگىن، بۇ كۈن بىزلەرگە ۋە بىزدىن كېيىنكىلەرگە بايرام بولۇپ قالسۇن، ئۇ داستىخان سەندىن بىزگە (قۇدرىتىڭنى ۋە پەيغەمبەرلىكىمنى كۆرسىتىدىغان) بىر مۆجىزە بولۇپ قالسۇن. بىزگە رىزىق بەرگىن، سەن رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ياخشىسىسەن» دېدى[114]. ئاللاھ (ئىسانىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ): «ئۇنى مەن سىلەرگە چوقۇم (ئاسماندىن) چۈشۈرىمەن، سىلەردىن كىمكى شۇنىڭدىن كېيىن كاپىر بولسا، ئۇنى شۇنداق بىر ئازاب بىلەن ئازابلايمەنكى، ئەھلى جاھاندىن ھېچ كىشىنى مۇنداق ئازابلىمايمەن» دېدى[115]. ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ ئېيتتى: «ئى مەريەم ئوغلى ئىسا! سەن كىشىلەرگە، ئاللاھنى قويۇپ مەن بىلەن ئانامنى ئىككى ئىلاھ قىلىۋېلىڭلار، دېدىڭمۇ؟» ئىسا ئېيتتى: «(رەببىم!) شەنىڭگە لايىق ئەمەس نەرسىلەردىن سېنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەنكى، ماڭا ئېيتىشقا تېگىشلىك بولمىغان سۆزلەرنى مەن ئېيتمايمەن، ئەگەر مەن بۇ سۆزنى ئېيتقان بولسام، ئۇنى سەن چوقۇم بىلىسەن (يەنى مېنىڭ ئۇنداق دېمىگەنلىكىم ساڭا مەلۇملۇق). سەن مېنىڭ زاتىمدىكىنى بىلىسەن، مەن سېنىڭ زاتىڭدىكىنى بىلمەيمەن، سەن غەيبلەرنى ناھايىتى ئوبدان بىلىسەن[116]. مەن ئۇلارغا پەقەت سەن مېنى ئېيتىشقا بۇيرۇغان سۆزنى، يەنى، مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار بولغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، دېدىم. مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولغان مۇددەتتە، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى كۆزىتىپ تۇرغان ئىدىم، مېنى قەبزى روھ قىلغىنىڭدىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى سەن كۆزىتىپ تۇرغان ئىدىڭ، سەن ھەممە نەرسىدىن خەۋەردارسەن[117]. ئەگەر ئۇلارغا ئازاب قىلساڭ، ئۇلار سېنىڭ بەندىلىرىڭدۇر (ئۇلارنى خالىغىنىڭچە تەسەررۇپ قىلىسەن)، (ساڭا ھېچ ئەھەدى تەئەررۇز قىلالمايدۇ)، ئەگەر ئۇلارغا (يەنى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى تەۋبە قىلغانلارغا) مەغپىرەت قىلساڭ، سەن (ئىشىڭدا) غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇرسەن»[118]. ئاللاھ ئېيتىدۇ: «بۇ كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) راستچىللارنىڭ راستچىللىقى ئۆزىگە پايدا قىلىدىغان كۈندۇر، ئۇلار ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ، ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولىدۇ، ئۇلار ئاللاھتىن مەمنۇن بولىدۇ، بۇ زور بەختتۇر»[119]. ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلاردىكى پۈتۈن مەۋجۇداتنىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا مەنسۇپتۇر، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر[120]



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر