پۈتۈن مىللەتنىڭ قايتىدىن تېرىلىشى 15- ئىيۇل (ئاۋازلىق)

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۇمە خۇتبىلىرى/ 28 - 2018

1011996
پۈتۈن مىللەتنىڭ قايتىدىن تېرىلىشى 15- ئىيۇل (ئاۋازلىق)

 

 

ئەزىز مۇئمىن قېرىنداشلار! جۈمە كۈنىڭلار مۇبارەك بولسۇن!

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:

«ئۇلارغا: <يەر يۈزىدە پاسات چىقارماڭلار> دېيىلگەندە، <بىز پەقەت ئىسلاھ قىلغۇچىلارمىز> دەيدۇ. شۇنى بىلگىنكى، ئۇلار بۇزغۇنچىلارنىڭ دەل ئۆزىدۇر، لېكىن بۇنى چۈشەنمەيدۇ»[1]

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس - شەرىپتە مۇنداق دەيدۇ:

«مۇسۇلمان؛ قولىدىن ۋە تىلىدىن باشقا مۇسۇلمانلار خاتىرجەم بولغان كىشىدۇر. مۆئمىن؛ جانلىرى ۋە ماللىرى جەھەتتە ئىنسانلار ئۇنىڭدىن خاتىرجەم بولغان كىشىدۇر»[2]

ئەزىز قېرىنداشلار!

بىز ياشاۋات بۇ ۋەتەن پەقەتلا زېمىننىڭ بىر پارچىسىدىن ئىبارەت ئەمەس، بەلكى ئەجدادىمىزنىڭ دىيارى ۋە شېھىتلىرىمىزنىڭ ئامانىتىدۇر. كەلگۈسىگە مۇستەھكەم قەدەملەر بىلەن مېڭىش ئۈچۈن ئۇنىڭ باغرىغا تايىنىدىغان، ئۇنىڭ ئۈچۈن ھېچ ئىككىلەنمەستىن جېنىمىزنى بېرىدىغان زېمىندۇر، ۋەتەن!

بىزلەر تارىخ بويىچە ۋەتىنىمىزگە مۇھەببەت ۋە ساداقەت بىلەن باغلىنىپ كەلدۇق. مۇقەددەسلىرىمىز ئۈچۈن پىداكارلىق بىلەن شاھادەتكە يۈگۈردۇق. چاناققەلئەدە، ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە، نامراتلىق ۋە يوقسۇللۇق ئىچىدىمۇ مىسىلىسىز بىر شەكىلدە مەۋجۇتۇلىقىمىزنى قوغداش كۈرىشىنى ئىشقا ئاشۇردۇق. لېكىن ھېچ قاچان ئارقىمىزغا داجىپ باقمىدۇق. ئىمان بىلەن تولغان كۆكسىمىزنى قانچىلىغان شەرمى ھاياسىز ھۇجۇملارغا سېپىل قىلدۇق. ئاللاھنىڭ ئىنايىتى ۋە يارىدىمى، جاسارىتىمىز ۋە پىداكارلىقىمىز بىلەن كاتتا زەپەرلەرنى قولغا كەلتۈردۇق.

15ئىيۇل كېچىسى تاڭ ئاتقىچە ئوقۇغان سالاۋاتلار، توۋلىغان تەكبىرلەر، ئېيتقان تەسبىھ ۋە كۆككە كۆتۈرۈلگەن يېلىنىشلار، دۇنيانىڭ ھەممىلا ئەتراپىدىكى مۆئمىن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قول كۈتۈرۈپ مىللىتىمىزنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن قىلغان دۇئالىرى بىلەن بىرلەشتى. پۈتۈن مىللەت بىر تەن، بىر يۈرەك بولۇپ، مەيدانلارغا قاراپ ئاقتۇق. بىرلىك ۋە باراۋەرلىكىمىزگە قارشى قىلىنغان خائىنلارچە ھۇجۇمنى ھەممىمىز بىرلىكتە توسۇپ قالدۇق. ئىمانىمىز ۋە ۋەتەن ئىشقىمىزدىن ئۇرغىغان ئۇ ئۇلۇغۋار رۇھ بىلەن خائىنلارنىڭ ئويۇنىنى بۇزۇپ تاشلىدۇق. پاراسەت، بەسىرەت ۋە تەمكىنلىكىمىز بىلەن چوڭ بىر پالايى قازانىڭ بوسۇغۇسىدىن قايتقان بولدۇق.

15ئىيۇل كىچىسى بىز دۇچ كەلگەن ئىشغالىيەتكە ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى دىن تونىغا ئورىنىۋالغان ئىدى. شەكلى ھەقتەك كۆرۈنۈپ، ئەمما باتىلغا خىزمەت قىلىدىغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىمانىمىز، ئەخلاقىمىز، ھېس تۇيغۇلىرىمىز، پەيغەم سۆيگۈمىز، زاكات سەدىقە، قۇربانلىقلىرىمىزنى، جۈملىدىن بارلىق دىنىي قىممەت قاراشلىرىمىز ۋە تېرمىنلىرىمىزنى سۇيىئىستېمال قىلدى. ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن مىللىتىمىزنىڭ ماۋجۇتلۇقىغا، بىرلىك ۋە باراۋەرلىكىگە، دۆلىتىمىزنىڭ كېلەچىكىگە قەست قىلدى.

بۇ خائىنلار ئەۋلادلىرىمىزنى ئائىلىرىدىن ئايرىپ تاشلاپ، يۈرىكىدىن ۋەتەن سۆيگۈسى ۋە ئۈممەت ئېڭىنى قومۇرۇپ تاشلاشقا ئۇرۇندى. تىنچلىق ۋە ئىسلاھ قىلىش نامى ئاستىدا دىنىي تۇيغۇلىرىمىزنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، ئىنسانلىرىمىزنى خاتىرجەمسىزلىكنىڭ گىردابىغا ئىتتىرمەكچى بولدى. ۋەھالەنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس شەرىپتە: «مۇسۇلمان؛ قولىدىن ۋە تىلىدىن باشقا مۇسۇلمانلار خاتىرجەم بولغان كىشىدۇر. مۆئمىن؛ جانلىرى ۋە ماللىرى جەھەتتە ئىنسانلار ئۇنىڭدىن خاتىرجەم بولغان كىشىدۇر»[3] دېگەن ئىدى.

ئەزىز قېرىنداشلار!

بىزنىڭ بىر ھەرىپىمۇ ئۆزگەرمىگەن كىتابىمىز، پۈتۈن ھاياتى ئوپئوچۇق بىلىنىپ تۇرىدىغان پەيغەمبىرىمىز، پىرىنسىپلىرى روشەن بىر دىنىمىز بار. ئاللا قانداقتۇر چۈشلەر ۋە مەخپىي پىلانلار ئارقىلىق بۇ دىنغا قارشى ئاتالمىش ئىسلامىي بىر دۇنيا سىنارىيەلىرىنى قۇرۇپ چىقماقچى بولغان رەڭۋازلار قەتئىي نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدۇ. ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەككى، ئاللاھ ۋە رەسۇلىنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەي، ئەمەلىيەتتە نىجىس قىلمىشلىرى ئۈچۈن دىنىمىزنى سۇيىئستېمال قىلغانلارنىڭ ئاقىۋىتى ھەر دائىم زىياندىن ئىبارەت بولۇپ كەلدى. بۇ زىيان ئۇلارنى دۇنيادا رەسۋالىققا ۋە ئاخىرەتتە ئازاب - ئوقۇبەتكە دۇچار قىلىشتىن ئىبارەت بولىدۇ.

ئەزىز قېرىنداشلار!

15ئىيۇلغا قايتا دۇچار بولماسلىق ئۈچۈن بىزنىڭ يەلكىمىزگە چۈشكەن ۋەزىپە؛ ئالدى بىلەن دىنغا ئوخشاش ئۇلۇغۋار ھەقىقەتنى شەخسلەر ئۈستىگە قۇرۇپ چىقماسلىق، سۈرۈشتە قىلماي تۇرۇپ، ئەقلىمىز، ئىرادىمىز ۋە ۋىجدانىمىزنى بىرسىگە قارىغۇلارچە تۇتقۇزۇپ قويماسلىق، ئىسلامنى توغرا مەنبەلەردىن، ياخشى نىيەتلىك ۋە ئىشەنچلىك كىشىلەردىن ئۆگىنىشىمىز. قۇرئان كەرىم ۋە سۆيۈملۈك پەيغەمبرىمىزنىڭ سۈننەتلىرىنى ئۆزىمىزگە رەھبەر قىلىپ ياشىشىمىزدىن ئىبارەتتۇر.

ساھابەلەردىن كۈنىمىزگە قەدەر مۇسۇلمانلارنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمى ماڭغان مۆتىدىل يولنىڭ سىرتىكى بارلىق قاراشلارنىڭ ۋە ئېقىملارنىڭ سىراتەل مۇستەقىمدىن، يەنى توغرا يولدىن ئېزىش بولىدىغانلىقىنى بىلىشىمىز لازىم. بىزنى ئاللاھقا ئەمەس، ئۆزىگە قۇل بولۇشقا چاقىرىدىغانلارغا قەتئىي ئىشەنمەسلىكىمىز ۋە يۈزلىگەن يىللاردىن بۇيان ۋەتىمىزدە شەكىللەنگەن، ئىسلامىي تۇرمۇش ئۇسۇلىمىزنىڭ مۇستەھكەم ئاساسى ئانادولۇ مەرىپىتىگە ئىگە چىقىشىمىز لازىم.

ئەزىز مۆئمىن قېرىنداشلار! 

رەببىمىز دۇئالىرىمىزنى قوبۇل قىلىدىغان بۇ ئىجابەتلىك سائەتلەردە قېنى ھەممىمىز بىرلىكتە ئاللاھقا ئىلتىجا قىلايلى!

ئى ئۇلۇغ رەببىمىز! دىنىمىزنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ، مىللىتىمىزنىڭ ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تەۋرىتىدىغان ھەر تۈرلۈك ئىچكى - تاشقى بالا مۇسىبەتلەردىن بىزلەرنى فوغدىغىن!

ئى ئۇلۇغ رەببىمىز! بىزلەرنى پىتنە ئوتغا ئىتتىرمەكچى بولغانلارغا، ئىززىتىمىزگە، شەرىپىمىزگە ۋە قېرىنداشلىقىمىزغا كۆز تىككەنلەرگە پۇرسەت بەرمىگىن!

بىرلىكىمىز، مەستەھكەملىكىمىز ۋە ئۆزئارا مۇھەببىتىمىزگە زىيان يەتكۈزىدىغان مۇناپىقلىقتىن، تەپرىقچىلىقتىن ۋە ھەر تۈرلۈك زوراۋانلىقتىن بىزلەرنى قوغدىغىن، ئى ئاللاھ!

ساڭا ئىمان ئېيتقان بۇ ئەزىز مىللەتتىن ياردەم ۋە ئىنايىتىڭنى، كۈچ قۇۋۋەت ۋە رەھمىتىڭنى ئايىمىغىن، ئى ئاللاھ!

بۇ ئەزىز ۋەتەننىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن جان پىدا قىلغان شېھىتلىرىمىزگە رەھمەت، غازىلىرىمىزغا شىپالىق ۋە خەيرىلىك ئۇزۇن ئۆمۈرلەر ئاتا قىلغىن، ئى ئاللاھ!

بىزلەرنى ئۇلارغا ۋە قەھرىمان ئەجدادلىرىمىزغا لايىق ئەۋلاد بولۇشقا مۇيەسسەر قىلغىن، ئى ئاللاھ!  

ئامىن يا رەببەل ئالىمىن!

 

 


[1] - سۈرە بەقەرە، 11ۋە 12 ئايەت

[2] - تىرمىزى، ئىمان بابى 12ھەدىس

[3] - تىرمىزى، ئىمان بابى 12ھەدىس



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر