«ئايلا» فىلىمى ھازىرغىچە نۇرغۇن خەلقئارالىق مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ھازىرغىچە نۇرغۇن خەلقئارالىق مۇكاپاتقا ئېرىشكەن «ئايلا»ناملىق فىلىم 15-ئىيۇندا قايتىدىن ئېكرانلاردا قويۇلىدۇ.

991676
«ئايلا» فىلىمى ھازىرغىچە نۇرغۇن خەلقئارالىق مۇكاپاتقا ئېرىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جان ئۇكاي رېژىسسورلىق قىلغان «ئايلا»ناملىق فىلىم، روزا ھېيت ۋە ئاتىلار كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن 15-ئىيۇندا قايتىدىن ئېكرانلاردا قويۇلىدۇ.

تۈركىيە كىنوچىلىق تارىخىدا ھازىرغىچە ئەڭ كۆپ كۆرۈلگەن 6- فىلىم ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن «ئايلا» فىلىمى تۈركچە، ئىنگلىزچە ۋە كورېيەچە بولۇپ ئۈچ تىلدا ئىشلەندى.

فىلىمدە داڭلىق ئارتىسلاردىن ئىسمائىل ھاجىئوغلۇ، ئەلى ئاتاي، چەتىن تەكىندور، مۇرات يىلدىرىم، بۇشرا دەۋەلى، ئەسرا دەرمانجىئوغلۇ، سىنەم ئۇسلۇدىن باشقا، ئېرىك روبېرت، كادې كاررادىنىغا ئوخشاش ھوللېۋۇد ئارتىسلىرى رول ئالدى.

«ئايلا» فىلىمى كاپې تاۋن خەلقئارا فىلىم فېستىۋالىدا «ئەڭ مۇنەۋۋەر فىلىم»مۇكاپاتىغا، خەلقئارا ئاسىيا فىلىم فېستىۋالىدا «ئەڭ مۇنەۋۋەر فىلىم»مۇكاپاتىغا، 29-نۆۋەتلىك پالما خەلقئارا فىلىم فېستىۋالىدا فېستىۋالىنىڭ «ئەڭ ياخشى فىلىم»كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈلدى.

سېدونا خەلقئارا فىلىم فېستىۋالىدىمۇ «ئەڭ مۇنەۋۋەر فىلىم» ۋە « فېستىۋالنىڭ ئەڭ ياخشىسى»مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن فىلىم، سان دىياگو كىنو ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن 2017-يىلدىكى «ئەڭ مۇنەۋۋەر چەت ئەل فىلىمى»گە، رىچموند خەلقئارا فىلىم فېستىۋالىدا «ئەڭ مۇنەۋۋەر رېژىسسور» ۋە «باش كۆتۈرۈۋاتقان چولپان»مۇكاپاتىغا، 51-ھوستون ۋورلد فىلىم فېستىۋالىدا «ئەڭ مۇنەۋۋەر چەت ئەل فىلىمى»مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر