پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇقەددەس يادىگارلىقلىرىنى كۆرۈشنى خالامسىز؟
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇقەددەس يادىگارلىقلىرىنى ھەقسىز زىيارەت قىلغىلى بولىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.
982894
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھەزرەتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇقەددەس يادىگارلىقلىرى قوغدالماقتا.
ھەزرەتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ساقىلى - شەرىپى ۋە ئۇنى مۇھاپىزەت قىلىدىغان قۇتۇلار قويۇلغان كۆرگەزمە، پايتەخت ئەنقەرەدىكى ئېتنوگرافىيە مۇزىيىخانىسىدا زىيارەتكە ئېچىۋېتىلدى.
كۆرگەزمىدە ھەزرەتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ساقىلى، ئۇنى قوغدايدىغان قۇتىلار، قەدىمىي قورئان كەرىم ۋە كەبە يوپۇقلىرى قاتارلىق جەمئىي 86 خىل ياردىكارلىق كۆرگەزمە قىلىنماقتا.
كۆرگەزمىنىڭ ئىيۇل ئېيىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇچۇق بولىدىغانلىقى ۋە ھەقسىز زىيارەت قىلغىلى بولىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.