ماھىر زەين ئىستانبۇلدا كونسېرت بەردى

شىۋېتسىيە پۇقراسى لىۋانلىق ناخشىچى ماھىر زەين ئىستانبۇلدا كونسېرت بەردى.

975025
ماھىر زەين ئىستانبۇلدا كونسېرت بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىنگلىزچە، ئەرەبچە ۋە تۈركچە ناخشىلىرى بىلەن نام چىقارغان ناخشىچى ماھىر زەين، يەنىكاپىدا ئىستانبۇل شەھەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان رامىزان پائالىيەتلىرى دائىرىسدە ئۆتكۈزۈلگەن «تاراۋىھتىن كېيىن» ناملىق پائالىيەتكە قاتنىشىپ سەھنىگە چىقتى. ئۇ كونسېرتىنى پەلەستىن خەلقىگە ياردەم مەقسىتىدە يەنىكاپى پائالىيەت ساھەسىدە جۈمە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن «زۇلۇمغا لەنەت، قۇدۇسقا قوللاش» يىغىلىشىدىكى پەلەستىنگە بېغىشلانغان ناخشىسىنى ئېيتقان ھالدا باشلىدى.

ئۇنىڭ «ئۇ سەن»، «قەيەردىسەن»، «رامىزان»، «يا نەبىي سەلام ئەلەيك» دېگەندەك ناھايىتى كۆپ ناخشىسىنى ئىنتايىن بېرىلىپ تىڭشىغان مۇخلىسلىرى، ناخشىچىنىڭ بەزى ناخشىلىرىنى تەڭكەش قىلىپ ئېيتتى.

ئۇ، كونسېرتتىن ئىلگىرى ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ناخشىلىرىنىڭ يېرىمىغا يېقىنىنىڭ ئەرەبچە ۋە تۈركچە ئارىلاش، بەزىلىرىنىڭ ئىنگلىزچە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ماھىر زەين، «ئىستانبۇلدىكى قوللىغۇچىلىرىمدىن داۋاملىق ئىجابىي پىكىرلەرنى ئالىمەن. ئاڭلىغۇچىلىرىم بىلەن ئۆزئارا كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىشىمىز، ھەتتا بەزى ئىنگلىزچە ناخشىلىرىمنىمۇ يادلاپ مەن بىلەن تەڭ ئېيتىشىدۇ» دېدى.

ئىگىلىنىشىچە، ماھىر زەيننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسېرتلىرى بۈگۈن ۋە ئەتىمۇ داۋام قىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر