ئايلا فىلىمى تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى

كورېيە ئۇرۇشىغا قاتناشقان سېرژانت سۈلەيمان دىلبىرلىكىنىڭ كەچۈرمىشلىرى سېنارىيەلەشتۈرۈلگەن ئايلا فىلىمى جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن فېستىۋالدا قويۇلدى.

959697
ئايلا فىلىمى تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كورېيە ئۇرۇشىدا سېرژانت سۈلەيمان دىلبىرلىكىنىڭ كەچۈرمىشلىرى سېنارىيە قىلىپ ئىشلەنگەن «ئايلا» فىلىمى، 13-نۆۋەتلىك خەلقئارا جەنۋە ئوريانتال فىلىم فېستىۋالىدا تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى. فىلىم قويۇلۇشتىن بۇرۇن، تۈركىيەنىڭ جەنۋەدە تۇرۇشلۇق كونسۇلى مەھمەت سائىت ئۇيانىك زىياپەت بەردى. تۈركىيەلىك ۋە شىۋېيسارىيەلىك نۇرغۇن يۇقىرى دەرىجىلىك مېھمانلار ۋە تاماشىبىنلارنىڭ كۆرگەن فىلىمنىڭ ئاخىرىدا ئىنتايىن تەسىرلىك مىنۇتلار ئوتتۇرىغا چىقتى. فېستىۋال 29-ئاپرېلغىچە جەنۋەدە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، ئوىشىمىغان دۆلەتلەردە ئىشلەنگەن 100 دىن ئارتۇق فىلىم كۆرسىتىلىدۇ.         



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر