چوڭ بۇشنىڭ ئايالى باربارا بۇش ئالەمدىن ئۆتتى

ئامېرىكانىڭ 41-نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتى جورج خ. ۋ. بۇش (George H. W. Bush) نىڭ رەپىقىسى باربارا بۇش 93 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

954204
چوڭ بۇشنىڭ ئايالى باربارا بۇش ئالەمدىن ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇش ئائىلىسىنىڭ باياناتچىسى جىم مېگرەس باربارا بۇشنىڭ ۋاپاتىنى يازما شەكىلدە ئېلان قىلدى.

باياناتتا، باربارا بۇشنىڭ سەيشەنبە (17-ئاپرېل) كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەنلىكى، دەپنە مۇراسىمىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنىڭ كېيىنچە ئۇقتۇرۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. باربارا بۇشنىڭ ئوغلى، شۇنداقلا ئامېرىكانىڭ 43-نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتى بولغان جورج ۋ. بۇش (George W. Bush ) مۇ ئانىسىنىڭ ۋاپاتى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ باياناتىدا: «باربارا بۇشنىڭ ئوغلى بولغانلىقىم ئۈچۈن ناھايىتى تەلەيلىكمەن، ئائىلىمىز ئۇنى كۆپ سېغىنىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، بىز بىلەن بىرگە بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن ھەممىڭلارغا تەشەككۈر ئېيتىمەن» دېدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپمۇ بۇش ئائىلىسىگە تەزىيە بىلدۈردى. ئۇ: «باربارا بۇش ھەم دۆلىتىگە ھەمدە ئائىلىسىگە ئۆزىنى بىغىشىلاش روھى بىلەن ھەر دائىم خاتىرىلىنىدۇ» دېدى.

جورج خ. ۋ. بۇش يەكشەنبە (15-ئاپرېل) يازما بايانات ئېلان قىلىپ، رەپىقىسى بابارا بۇشنىڭ داۋالىنىشنى رەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. باربارا بۇشنىڭ يەنە بىر ئوغلى جېب بۇش 2017-يىلدىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ نامزات نامزاتى بولغان بولۇپ، ترامپقا ئۇتتۇرۇپ قويغان ئىدى.

باربارا بۇش 1925-يىلى نىيۇ يوركتا دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، جورج خ. ۋ. بۇش بىلەن 73 يىل ئۆي تۇتتى. ئۇنىڭ بەش پەرزەنتى، 17 نەۋرىسى بار. ئۇ ئامېرىكادا ھەم يولدىشى ھەمدە ئوغلى پىرېزىدېنت بولغان ئىككى ئايالنىڭ بىرى ئىدى.

ئابىگېيىل ئادامس ئامېرىكانىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتى، ئوغلى جون كۋىنسى ئادامس 6-نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتى بولغان ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر