ئافغانىستانلىق تۇغما مېيىپ رەسسام قىز ئەردوغان بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلدى

18 ياشلىق رۇبابا مۇھەممەدى ئافغانىستاننىڭ غەزنە شەھىرىدە ياشايدىغان بولۇپ، قولى ۋە پۇتى پالەچ تۇغۇلغانلىقى سەۋەبىدىن رەسىملىرىنى ئېغىزىدا چىشلىگەن قەلەم ۋە چوتكىلار ئارقىلىق سېزىپ تونۇلغان ئىدى.

953316
ئافغانىستانلىق تۇغما مېيىپ رەسسام قىز ئەردوغان بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلدى
Rubaba Muhammedi.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستانلىق قولى ۋە پۇتى تۇغۇلۇشىدىن پالەچ بولۇپ قالغان مېيىپ رەسسام رۇبابا مۇھەممەدى بوياق چوتكىسىنى ئېغىزىدا ئىشلىتىش ئارقىلىق ئافغانىستاندىكى ئاياللارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى مەزمۇن قىلغان رەسىملەرنى سېزىپ كەلمەكتە.

18 ياشلىق رۇبابا مۇھەممەدى ئافغانىستاننىڭ غەزنە شەھىرىدە ياشايدىغان بولۇپ, قولى ۋە پۇتى پالەچ تۇغۇلغانلىقى سەۋەبىدىن رەسىملىرىنى ئېغىزىدا چىشلىگەن قەلەم ۋە چوتكىلار ئارقىلىق سېزىپ كەلمەكتە.

رۇبابا مۇھەممەدى كىچىكدىنلا رەسىم سىزىشنى باشلىغانلىقىنى بىراق ھېچھېچىىىىۆۆۆۆۆۆۆۆۆۆۆۆۆۆۆۆۆۆۆ ۆئېتىۆۆۆۆ

گەرچە ئۆزى تۈركچە بىلمىسىمۇ تېلېۋىزىيەلەردە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ كەلگەن رۇبابا مۇھەممەدى ئەردوغان مەستاسىغا ئايلانغانلىقىنى ئېيتتى.

رۇبابا مۇھەممەدى «ئەردوغان خەلقىنى سۆيىدىغان ، خەلقىمۇ ئۇنى سۆيىدىغان پىداكار بىر رەھبەر» دېدى. 

رۇبابا مۇھەممەدى ئۆزىنىڭ تۈركىيەگە بولغان سۆيگۈسى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ, 15 - ئىيۇل ھەربىي - سىياىسي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش خىيانىتىگە ئالاقىدار رەسىملەرنىمۇ سىزغانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇبابا مۇھەممىدى 15 - ئىيۇل ھەربىي - سىياسىي ئۆگىرىش قوزغاش ئۇرۇنۇشىنى تېلېۋزىيەدىن كۆرگەندىن كېيىن, تۈركىيە خەلقىنىڭ ئەردوغاننى نەقدەر سۆيىدىغانلىقىنى چۈشۈنۈپ يەتكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ , ئۆزىنىڭ بۇ خىيانەتكە قارشى خەلق ھەرىكىتىنى سۆيۈنگەن ھالدا سېزىپ چىققانلىقىنى ئېيتتى .

رۇبابا مۇھەممەدى 15 - ئىيۇلغا ئالاقىدار رەسىمىدە ئوقلارنى توسۇپ تۇرغان قولنىڭ ئەردوغاننىڭ قولى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ, «بۇ رەسىمدە خەلقنىڭ ئەردوغاننى قانداق سۆيىدىغانلىقىنى ۋە ئەردوغاننىڭمۇ خەلقى ئۈچۈن ھەر قانداق تەھدىتلەرگە قالقان بولىدىغانلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىشكە تىرىشتىم» دېدى.

ئافغانىستانلىق ميىپ قىز جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننى يېقىندىن كۆرۈشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر