خىتاينىڭ ئالەم پونكىتى يەر شارىغا يېقىنلاشتى

خىتاينىڭ كونتروللۇقىنى يوقاتقان «1-كۆك ساراي» ناملىق ئالەم پونكىتى يەر شارىنىڭ ئاتموسفېرا قاتلىمىغا كىردى.

942883
خىتاينىڭ ئالەم پونكىتى يەر شارىغا يېقىنلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ كونتروللۇقىنى يوقىتىپ ئاتموسفېراغا كىرگەن ئالەم پونكىتىنىڭ كۆپ قىسىم پارچىلىرىنىڭ كۆيۈپ پارچىلانغانلىقى ئېلان قىلىندى. خىتاي ئالەم ئىنژېنېرلىقى ئىشخانىسىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، ئالەم پونكىتى يەر شارى ئاتموسفېرا قاتلىمىغا شۇ ەر ۋاقتى 08:15 تە كىرگەن بولۇپ، جەنۇبىي تىنچ ئوكيان يۆنۈلۈشىگە قاراپ چۈشمەكتە ئىكەن. ئۇزۇنلۇقى 10.4 مېتىر، ئېغىرلىقى 8.5 توننا كېلىدىغان ئالەم پونكىتىنىڭ كۆپ قىسمى كۆيۈپ پارچىلانغان.

20111-يىلى 29-سېنتەبىر يەر شارى ئوربىتاسىغا قويۇپ بېرىلگەن ئالەم پونكىتى 2016-يىلى ۋەزىپىسىنى تاماملىغان. خىتاي دائىرىلىرى 30-مارت (جۈمە) ئېلان قىلغان باياناتلىرىدا، ئالەم پونكىتىنىڭ ھېچقانداق پارچىسىنىڭ يەر شارىغا چۈشمەيدىغانلىقىنى كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلغان ئىدى.

بۇ ئالەم پونكىتىنىڭ تۈركىيە تەۋەلىكىگە چۈشۈشى مۇمكىنچىلىكىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان خەۋەرلەر ئىچىدە ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر