ئى مۆمىنلەر! ئاللاھنىڭ (ھەقلىرىنى) ئادا قىلىشقا تىرىشىڭلار

ئى مۆمىنلەر! ئادىللىق بىلەن گۇۋاھلىق بېرىڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر.

918072
ئى مۆمىنلەر! ئاللاھنىڭ (ھەقلىرىنى) ئادا قىلىشقا تىرىشىڭلار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: مائىدە سۈرىسى، 6 – 9 – ئايەتلەر. ئى مۆمىنلەر! (سىلەر تاھارەتسىز بولۇپ) ناماز (ئوقۇماقچى بولۇپ) تۇرغىنىڭلاردا، يۈزۈڭلارنى يۇيۇڭلار، قولۇڭلارنى جەينىكىڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، بېشىڭلارغا مەسھى قىلىڭلار، پۇتۇڭلارنى ئوشۇقۇڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، ئەگەر جۇنۇپ بولساڭلار پاكلىنىڭلار (يەنى غۇسلى قىلىڭلار)، ئەگەر كېسەل بولساڭلار (سۇ زىيان قىلىدىغان بولسا)، ياكى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ (سۇ تاپالمىساڭلار)، ياكى سىلەرنىڭ بىرسىڭلار ھاجەتخانىدىن كەلگەن (يەنى تاھارەت سۇندۇرغان) بولساڭلار، ياكى ئاياللىرىڭلار بىلەن يېقىنچىلىق قىلغاندىن كېيىن (غۇسلى تاھارەت ئۈچۈن) سۇ تاپالمىساڭلار، پاك تۇپراقتا تەيەممۇم قىلىڭلار، ئۇنىڭ بىلەن يۈزۈڭلارغا، قولۇڭلارغا مەسھى قىلىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە مۇشەققەتنى خالىمايدۇ، لېكىن ئاللاھ شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى پاك قىلىشنى، (ئىسلام شەرىئىتىنى بايان قىلىش بىلەن) نېمىتىنى سىلەرگە تاماملاشنى خالايدۇ[6]. (ئى مۆمىنلەر!) ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن (ئۇلۇغ) نېمىتىنى ۋە سىلەر بىلەن قىلغان مۇئاھىدىسىنى ئەسلەڭلار، ئەينى زاماندا سىلەر: «ئاڭلىدۇق ۋە ئىتائەت قىلدۇق» دېگەن ئىدىڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار (يەنى ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىنى بۇزۇشتىن ساقلىنىڭلار). ئاللاھ ھەقىقەتەن (بەندىلىرىنىڭ) دىللىرىدىكى سىرلىرىنى بىلگۈچىدۇر[7]. ئى مۆمىنلەر! ئاللاھنىڭ (ھەقلىرىنى) ئادا قىلىشقا تىرىشىڭلار، ئادىللىق بىلەن گۇۋاھلىق بېرىڭلار، بىرەر قەۋمگە بولغان ئۆچمەنلىكىڭلار (ئۇلارغا) ئادىل بولماسلىقىڭلارغا سەۋەب بولمىسۇن، (دۈشمىنىڭلارغا) ئادىل بولۇڭلار، بۇ (يەنى ئۇلارغا ئۆچمەن تۇرۇپ ئادىل بولۇشۇڭلار) تەقۋادارلىققا ئەڭ يېقىندۇر، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر[8]. ئاللاھ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا مەغپىرەت ۋە كاتتا ساۋاب ۋەدە قىلدى[9].



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر