ھىندىستاندا مۇسۇلمانلارغا ھەج سەپىرى ياردىمى بىكار قىلىندى

ھىندىستان ھۆكۈمىتى مۇسۇلمان ھاجى نامزاتلىرىغا ھەر يىلى دۆلەت تەرىپىدىن بېلىرىدىغان ھەج سەپىرى ياردىمىنى بىكار قىلىش توغرۇلۇق قارار چىقاردى.

890468
ھىندىستاندا مۇسۇلمانلارغا ھەج سەپىرى ياردىمى بىكار قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستان ئاز سانلىقلار ئىشلىرى مىنىستىرى مۇختار ئابباس ناكۋى ھىندىستاندا 1959 – يىلدىن بۇيان ھاجى نامزاتلىرىغا ھەر يىلى بېرىلىۋاتقان ھەج سەپىرى ياردىمىنىڭ بۇ يىلدىن باشلاپ  بىكار قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

بۇ ياردەمنىڭ  ھىندىستانلىق مۇسۇلمانلارغا پايدىلىق ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ناكۋى، بۇ پۇللارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئاز سانلىقلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇ – ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى ھەمدە بۇ قارارغا قارىماي بۇ يىل ھىندىستاندىن 175 مىڭ ھاجى نامزاتىنىڭ مۇقەددەس جاينى زىيارەت قىلىشىنىڭ مۆلچەرلىنىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ھىندىستانغا نىسبەتەن رېكورت يارىتىش بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ھىندىستانلىق ھاجى نامزاتلىرىنىڭ دېڭىز ئارقىلىق مۇقەددەس جاينى زىيارەت قىلىش توغرۇلۇق بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ناكۋى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلىدىغان  مۇزاكىرىلەردە بۇنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ھىندىستاندا ھەر يىلى مۇقەددەس جاينى زىيارەت قىلىدىغان ھاجى نامزاتلىرىنىڭ ئايروپىلان بېلەتلىرىنىڭ % 50 تىنى دۆلەت ئۆز ئۈستىگە ئالاتتى.

ھىندىستان ئالىي سوت مەھكىمىسى 2012 – يىلى بۇ ھەقتە قارار چىقىرىپ، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ھاجى نامزاتلىرىغا بېرىلىۋاتقان ياردەملەرنى 2022 – يىلغىچە باسقۇچمۇباسقۇچ ئاخىرلاشتۇرۇش توغرۇلۇق ھۆكۈم چىقارغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر