ياپونىيەلىك ئاسترونوم بويى پاكارلارغا خۇش خەۋەر يەتكۈزدى

ئالەم بوشلۇقىدا ئۈچ ھەپتە تۇرغان ياپونىيەلىك ئاستىرونوم بويىنىڭ توققۇز سانتىمېتىر ئۆسكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

885190
ياپونىيەلىك ئاسترونوم بويى پاكارلارغا خۇش خەۋەر يەتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا ئالەم پونكىتىدا ئۈچ ھەپتە تۇرغان ياپونىيەلىك ئاسترونوم نورىشىگې كانائى بويىنىڭ تەخمىنەن توققۇز سانتىمېتىر ئۆسكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئاسترونوم كانائى تۋىتتېردا ئۆزى توغرىسىدا: «ھەممەيلەنگە مەرھابا، ناھايىتى مۇھىم بىر خەۋەر بار، ئالەم بوشلۇقىغا چىققاندىن كېيىن قانداق ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن سالامەتلىكىمىز تەكشۈرۈلدى. مەن ئالەم بوشلۇقدىكى چېغىمدا ئۆسۈملۈككە ئوخشاش تەخمىنەن توققۇز سانتىمېتىر ئۆسۈپتىمەن. ئىيۇن ئېيىدا يەر شارىغا قايتىدىغان چاغدا <سويۇز> ئالەم كېمىسىنىڭ ئورۇندۇقىغا پاتماسلىقىمدىن ئەنسىرەۋاتىمەن» دېگەن ئۇچۇرنى ھەمبەھىرلىدى.

بىلدۈرۈلىشىچە، ئالەم بوشلۇقىدا يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچى بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن ئادەمنىڭ قوۋۇرغىلىرى كېڭىيىپ، بويى ئۆسىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر