ئاۋسترىيەدە ئەڭ مەشھۇر ئىسىم «مۇھەممەد»

«مۇھەممەد» دېگەن ئىسىمنىڭ ئاۋسترىيەنىڭ پايتەختى ۋىيانادا ئالدىقنى يىلى بوۋاقلارغا ئەڭ كۆپ قويۇلغان ئەڭ مەشھۇر ئىسىملار قاتارىدا 3 – ئۇرۇندا تۇرغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

885637
ئاۋسترىيەدە ئەڭ مەشھۇر ئىسىم «مۇھەممەد»

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «Kronen Zeitung» گېزىتى تەرىپىدىن ۋىيانا شەھەرلىك ھۆكۈمىتى ئىستاتىستېكا بۆلۈىمىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى مەنبە قىلىنغان خەۋەردە، 2017 – تۇغۇلغان بوۋاقلارغا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلگەن ئسىملار ئارىسىدا «ئالېكساندېر» بىرىنچى، «ماكسىمىلان» ئىككىنچى ۋە مۇسۇلمانلارغا خاس بولغان «مۇھەممەد» دېگەن ئىسىمنىڭ 3 – بولغانلىقى قەيت قىلىندى. 

خەۋەردە «مۇھەممەد» دېگەن ئىسىمنىڭ بارلىق يىزىلش شەكىللىرىگە ئالاھىدە دىققەت قىىلنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ۋىياندا ئالدىنقى يىلى يېڭى تۇغۇلغان 175 بوۋاققا «ئالېكساندېر»، 161 بوۋاققا «ماكسىمىلان»  ۋە 159 بوۋاققا «مۇھەممەد» دېگەن ئىسىم قويۇلغانلىقى تەكىتلەندى.

143 بوۋاققا، «داۋىد» ۋە 137 بوۋاققا فىلىپ دېگەن ئىسملار قويۇلۇپ 4 – ۋە 5 – بولغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، قىز بۇۋاقلارغا ئەڭ كۆپ قويۇلغان ئىسىملار تىزىملىكىدە، 183 بۇۋاق بىلەن «سوفىيا» 1-، 173 بوۋاق بىلەن «سارا» 2 – ۋە 142 بوۋاق بىلەن «ئاننا» 3 – بولغان. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر