دۇنيا بازىرىدا تۈرك چاتما تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى بازار تاپتى

مەدەنىيەت ۋە ساياھەتچىلىك ئىشلىرى مۇئاۋىن مىنىستىرى ھۈسەيىن يايمان دۇنيا بازىرىدا تۈرك چاتما تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ بازار تېپىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

865151
دۇنيا بازىرىدا تۈرك چاتما تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى بازار تاپتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەدەنىيەت ۋە ساياھەتچىلىك ئىشلىرى مۇئاۋىن مىنىستىرى ھۈسەيىن يايمان دۇنيا مىقىياسىدا ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدىن قالسا تۈركىيەدە ئىشلەنگەن كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ ئەڭ كۆپ سېتىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

يايمان ياۋروپالىق تۈرك دېموكراتچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ دانىيە شۆبەسى بىلەن مۇستەقىل سودا-سانائەتچىلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ دانىيە شۆبەسى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان «دىنلار، تىللار ۋە مەدەنىيەتلەرنىڭ بۆشۈكى ئانادولۇ»تېمىلىق يىغىندا سۆز قىلدى.

ھۈسەيىن يايمان بۇنىڭدىن كېيىن مەدەنىيەت-سەنئەت ساھەسىدە تېخىمۇ كۆپ خىزمەت قىلىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

مەدەنىيەت ۋە ساياھەتچىلىك ئىشلىرى مۇئاۋىن مىنىستىرى يايمان، كەلگۈسىدە تارىخقا مۇناسىۋەتلىك تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ كۆرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ھەم تۈركچىنى ئۆگىنىش ھەمدە تۈركىيەنىڭ ھېكايىسىنى بايان قىلىش نۇقتىسىدىن تۈرك تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى تولىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر