ئەردوغان ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيى مەخسۇس دەپتىرىگە خاتىرە قالدۇردى

تۈركىيە مىقياسىدا غازى مۇستافا كەمال ئاتاتۈرك ۋاپاتىنىڭ 79 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىملىرى ئۆتكۈزۈلمەكتە.

844782
ئەردوغان ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيى مەخسۇس دەپتىرىگە خاتىرە قالدۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت ئەنقەرەدىكى خاتىرىلەش مۇراسىملىرىنىڭ تۇنجى ئادرېسى ھەر يىلقىغا ئوخشاشلا بۇ يىلمۇ ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيى بولدى. دۆلەت ئەربابلىرى ئاتاتۈرك خاتىرە تېشىغا گۈلچەمبىرەك قويدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيى مەخسۇس دەپتىرىگە خاتىرە قالدۇرۇپ، «ۋاپاتىنىڭ 79 – يىلىدا ئازادلىق ئۇرۇشىمىزنىڭ بۈيۈك قەھرىمانى، جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ قۇرغۇچىسى، تۇنجى جۇمھۇر رەئىسىمىز غازى مۇستافا كەمال ئاتاتۈركنى يەنە بىر قېتىم رەھمەت، ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيمىز» دەپ يازدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سۆزلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «بىز، ئاتاتۈرك بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن ئەڭ مۇھىم مىراسلارنىڭ بىرى، دەپ قاراۋاتقان تۈركىيەنى زامانىۋى مەدەنىيەت سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرىسىغا ئۆرلىتىش نىشانىنى بويلاپ كېچە – كۈندۈز خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز. روھىڭ شاد بولسۇن» دېگەن قۇرلارنى قالدۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر