ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ باشلىقى «مۇستەقىللىق رېفېراندۇمى» نى قوللىماسلىقىمنىڭ سەۋەبى

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ باشلىقى جان كىلود يۇنكېر ياۋروپادا بۆلۈنۈش خاھىشلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدىن ئەندىشە قىلغانلىقى ئۈچۈن ئىسپانىيەنىڭ كاتالونىيە ئاپتونوم رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن «مۇستەقىللىق رېفېراندۇمى» نى قوللىمىغانلىقىنى ئېيتتى.

826634
ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ باشلىقى «مۇستەقىللىق رېفېراندۇمى» نى قوللىماسلىقىمنىڭ سەۋەبى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يۇنكېر لىيۇكسېمبورگ ئۇنىۋېرسىتېتىدا قىلغان سۆزىدە، باشقا رايونلارنىمۇ جاسارەتلەندۈرىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنى قىيىن ئۆتكەلگە دۇچار قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن كاتالونىيەدە 1 – ئۆكتەبىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن «مۇستەقىللىق رېفېراندۇمى» غا قارشى چىققانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىزگە مۇناسىۋەتلىك ئىش بولمىسىمۇ، ئەمما كاتاكلونىيەگە يول قويساق، باشقا رايونلارمۇ بۇنىڭدىن ئىلھاملىنىپ ھەرىكەتكە ئۆتۈشى مۇمكىن. مەن بۇنداق ئەھۋالنىڭ ئوتتۇرىغا    چىقىشىنى  خالىمايمەن.  ياۋروپادا بۆلۈنۈش خاھىشلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدىن ئەندىشە قىلغانلىقىم ئۈچۈن ئىسپانىيە باش مىنىستىرى مارىئانو راجوينىڭ ۋەزىيەتنى كونترول قىلىش سىياسىتىنى قوللىدىم ۋە <مۇستەقىللىق رېفېراندۇمى> غا قارشى چىقتىم.»

كاتالانلارنىڭ رېفېراندۇمدىن كېيىن ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئۆزلىرى ئوتتۇرىسىدا مۇرەسسەچىلىك قىلىش تەكلىپى توغرىلىقمۇ توختالغان يۇنكېر، پەقەت بىرلا تەرەپنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن مۇرەسسەچىلىك قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى، كومىتېت باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن باش مىنىستىر راجوينىڭ ئىسپانىيەنىڭ بۇ ئىچكى مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر