«تۈركىيەگە بۇ يىل 1 مىليون خىتاي ساياھەتچى كېلىشىنى كۈتىمىز»

مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى نۇمان كۇرتۇلمۇش بېيجىڭدا مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە بىر مىليون خىتاي ساياھەتچىنىڭ تۈركىيەگە كېلىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

804702
«تۈركىيەگە بۇ يىل 1 مىليون خىتاي ساياھەتچى كېلىشىنى كۈتىمىز»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى نۇمان كۇرتۇلمۇش مۇشۇ يىل ئاخىرىغىچە 200مىڭ خىتاي ساياھەتچىنىڭ تۈركىيەگە كېلىپ ساياھەت قىلىشىنى مۆلچەرلىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتىپ: «بىراق بۇ سان يېتەرلىك ئەمەس، بۇ ساننىڭ بىر مىليونغا يېتىشىنى ئارزۇ قىلىمىز»دېدى.

كۇرتۇلمۇش رەسمىي زىيارەت دائىرىسىدە بارغان خىتاينىڭ پايتەختى بېيجىڭدا مۇنۇلارنى بايان قىلدى: «خىتاي ساياھەت شىركەتلىرى بىلەن تۈركىيە ساياھەت شىركەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشىنى ئارزۇ قىلىمىز. تۈركىيەدىكى كۇڭزى ئىنىستېتۇتى بىلەن خىتايدىكى يۇنۇس ئەمرە ئىنىستېتۇتى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ كۈچىيىشى نۇقتىسىدىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.»

«بىزنىڭ مەدەنىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىمىزدە ئوخشاشلىقلار مەۋجۇت»دېگەن كۇرتۇلمۇش «بىر بەلۋاغ بىر يول»لايىھەسى بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ھەر ساھەدە كۈچىيىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

نۇمان كۇرتۇلمۇش تۈركىيە بىلەن خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئېنېرگىيە، قاتناش، مەدەنىيەت ۋە ساياھەتچىلىك بولۇپ ھەر قايسى ساياھەدە بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىنى ئويلايدىغانلىقلىرىنى ۋە بۇنىڭغا ئىزچىل ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلەپ«بۇ قېتىمقى زىيارىتىمىزمۇ مەدەنىيەت ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىمىزغا پايدىسى بولغۇسى»دېدى.

كۇرتۇلمۇش بېيجىڭدا خىتاي مەدەنىيەت ئىشلىرى مىنىستىرى لو شۇگاڭ بىلەنمۇ كۆرۈشتى.

خىتاي مەدەنىيەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بىناسىدا ئېلىپ بېرىلغان كۆرۈشۈشتە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت ۋە ساياھەتچىلىك مەسىلىلىرى كېڭەش قىلىندى.

خىتاي بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن كۇرتۇلمۇش سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە مۇنداق دېدى: «ساياھەت ساھەسىدە ھەمكارلىقىمىزنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك، مۇناسىۋىتىمىزنى كۈچەيتىدىغان يۇمشاق كۈچ دەل مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ساھەسىدۇر، خىتايدا كېلەر يىلنىڭ <تۈركىيە ساياھەت يىلى>ئېلان قىلىنىشى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم لايىھەسىدۇر.»

مىنىستىر كۇرتۇلمۇش جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانمۇ قوللاپ كېلىۋاتقان «تۈرك-خىتاي ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇپ چىقىشنىڭ تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مىنىستىرلىقلىرىنىڭ بۇ ئىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى لازىملىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر