قىرىم تاتار مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇلدى

ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسى كېڭەش بىناسىدا قىرىم تاتار مەدەنىيىتى ھەققىدە پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتتە قىرىم تاتار مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش كۆرگەزمىسى ئېچىلدى.

761255
قىرىم تاتار مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسى كېڭەش بىناسىدا قىرىم تاتار مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇلدى. پائالىيەتتە، قىرىم تاتار ناخشا-مۇزىكىلىرىدىن ئۆرنەكلەر كۆرسىتىلىدى. ياۋروپا كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىگە تاتار تاماقلىرى تارقىتىلدى.

قىرىم تاتار خەلقىنىڭ رەھبىرى ۋە ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسىنىڭ ئۇكرائىنا ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى مۇستافا ئابدۇلجەمىل قىرىمئوغلۇ كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى. ئۇ قىرىمنىڭ مەدەنىيەت ۋە تارىخىي مىراسلىرىغا مۇناسىۋەتلىك بەزى ئەسەرلەرنىڭ كۆرگەزمىگە قويۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە يۈز بەرگەن سۈرگۈندىن كېيىن، قىرىم تاتار مەدەنىيىتىگە ئائىت بايلىقلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك يوق قىلىۋېتىلدى، بۇ يەردە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى يۈز بەردى. سابىق سوۋېىتلەر ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن يۇرتلىرىغا قايتقان خەلقىمىز، بۇ بايلىقلارنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن قولنى قولغا تۇتۇشۇپ كۈرەش قىلدى» دېدى.

ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسى ھەيئىتىنىڭ باشلىقى ۋولودىمىر ئارىيېۋ قىرىمنى قوللاشنىڭ خەلقئارالىق جەمئىيەتلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئەتە (30-ئىيۇن) سترازبۇرگدا ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسىنىڭ ئومۇمىي كېڭەش يىغىنى دائىرىسىدە قىرىم تېمىسىدا كونفېرانس ئۆتكۈزۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر